تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ «كەڭ، بالدۇر، ئەلا» كېۋەز تېرىش تېخنىكىسى كۆزگە كۆرۈنگەن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ يېزا كەسپىي تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزى ئىلتىماس قىلغان «شىنجاڭدا <كەڭ، بالدۇر، ئەلا> ئۇنىۋېرسال كېۋەز تېرىش تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە ئۇنى قوللىنىش» ناملىق تېما جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ «كۆزگە كۆرۈنگەن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن، «شىنجاڭدا <كەڭ، بالدۇر، ئەلا> كېۋەز تېرىش» ناملىق مەخسۇس ئەسەر جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا نەشرىياتىنىڭ «2 - نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا كىتابلىرى مۇكاپاتى بويىچە مۇنەۋۋەر مۇكاپات»قا ئېرىشكەن.

«كەڭ، بالدۇر، ئەلا» كېۋەز تېرىش يەنى «قۇرنى كەڭ قويۇپ تېرىش، بالدۇر بىخلىنىش، بالدۇر يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق بولۇش»تىن ئىبارەت كېۋەز تېرىش ئۇسۇلى بولۇپ، «قۇرنى كەڭ قويۇش، زىچلىقىنى تۆۋەنلىتىش، غولىنى يوغىنىتىش، تۈپىنى ئېگىزلىتىش» ئارقىلىق يۇقىرى فوتوسىنتېزلاش ئۈنۈمىگە ئىگە توپ قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىپ، كېۋەزنىڭ بالدۇر بىخلىنىشى، بالدۇر يېتىلىشى، مەركەزلىك يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېۋەزنىڭ يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يېڭى ئەندىزىدىن ئىبارەت.

2023 - يىلى، شىنجاڭنىڭ پاختا ھوسۇلى 5 مىليون 112 مىڭ توننا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ %90ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. شىنجاڭنىڭ پاختا ئومۇمىي ھوسۇلى ئۇدا بەش يىل مۇقىم ھالدا 5 مىليون توننىدىن ئېشىپ، كۆلىمى، ئومۇمىي ھوسۇلى ئۇدا 30 يىل مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى.

شىنجاڭ پاختا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى پەن - تېخنىكا تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى 30 يىلدا، شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشى ئۇزاق ۋاقىت تېخنىكا ئۈستىدە ئىزدىنىش باسقۇچىدا تۇردى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سورت ۋە تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈشتىن ئۆزى سورت يېتىشتۈرۈش ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقىچە، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى ئومۇمىي جەھەتتىن بىرقەدەر كىچىك بولدى. 1980 - يىلى شىخەنزە يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورنى تۇنجى قېتىم كېۋەزنى سولياۋ يوپۇق يېپىپ تېرىش تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسەتتى ھەم زىچ تېرىپ بالدۇر ئۆستۈرۈشنى يۈرۈشلەشتۈردى، كېۋەز تۈپىنىڭ پاكارلىشىشىغا ئەگىشىپ، سولياۋ يوپۇق يېپىپ تېرىش قاتارلىق ماشىنىلارنى تەتقىق قىلىپ كېڭەيتىپ، شىنجاڭ پاختىسىنى «پاكار، زىچ، بالدۇر ئۆستۈرۈش» تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش باسقۇچىغا قەدەم قويغۇزدى. «پاكار، زىچ، بالدۇر ئۆستۈرۈش» ئاساسىدا، 1996 - يىلى شىنجاڭ يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىشكە باشلىدى ھەم ناھايىتى تېزلا چوڭ كۆلەمدە كېڭەيتتى.

2004 - يىلىدىن بۇيان، دەل جايىدا يوپۇق يېپىش، دەل جايىدا تۇرۇبا ياتقۇزۇش، تۈجۈپىلىك ئۇرۇق سېلىش بىر گەۋدىلەشكەن ماشىنا ۋە ماشىنىلاشقان پاختا يىغىش چوڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇلدى، كېۋەزلىكنى پەرۋىش قىلىش جەريانىنىڭ ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى مۇكەممەللىشىپ، ئۆسۈپ، شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى.

2007 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ پاختا مو بېشى ھوسۇلى ئۇدا بەش يىل 113 كىلوگىرام ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پاختا تالاسىنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كەتتى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى پاختا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ شىلىڭ كوللېكتىپنى باشلاپ، «كەڭ، بالدۇر، ئەلا» كېۋەز ئۆستۈرۈشنى تەتقىق قىلىش ۋە بۇ ھەقتە ئىزدىنىشنى قانات يايدۇردى.

ئون نەچچە يىل بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، جاڭ شىلىڭنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «كەڭ، بالدۇر، ئەلا» بولۇشنى يادرولۇق تېخنىكا قىلغان يېزا ئىگىلىك كەسىپ ئۆلچىمىدىن ئىككى تۈرنى، يەرلىك ئۆلچەمدىن توققۇز تۈرنى ئېلان قىلىپ يولغا قويدى. بۇ تۈرلۈك تېخنىكا شىنجاڭ پاختىسىنىڭ «بىرلىك ھوسۇلى بىر ئىزدا توختاپ قېلىش، سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى يول تېپىپ بەردى، نۆۋەتتە شىنجاڭدا چوڭ كۆلەمدە كېڭەيتىلىپ، شىنجاڭنىڭ پاختا كەسپىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.