تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا ئاشلىق، كېۋەز قاتارلىق ئاساسلىق زىرائەتلەر كەڭ كۆلەمدە تېرىش مەزگىلىگە كىردى

16 مىليون مودىن ئارتۇق يەرگە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش تاماملاندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدا ئاشلىق، كېۋەز قاتارلىق ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى نۆۋەتتە كەڭ كۆلەمدە تېرىش مەزگىلىگە كىرگەن. يېزا ئىگىلىك ئەھۋالىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدا 16 مىليون مودىن ئارتۇق يەرگە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش تاماملانغان، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن ئاساسەن تەڭلەشكەن.

يېقىنقى مەزگىلدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە ئېتىز پەرۋىشىگە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يىللىق يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسىنى پۇختىلىدى. رايونلار بويىچە قارىغاندا، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدا يازغى بۇغداينى كەڭ كۆلەمدە تېرىش باشلاندى، بىر قىسىم رايونلاردا قوناق، كېۋەز تېرىش باشلاندى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇ، قەشقەردىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەتتە كېۋەز، قوناقنى كەڭ كۆلەمدە تېرىش باشلاندى، باشقا رايونلاردىمۇ ئارقا - ئارقىدىن تېرىلىشقا باشلىدى.

زىرائەتلەر بويىچە قارىغاندا، بۇغداي، قوناق، كېۋەز شىنجاڭدا ئەتىيازدا ئاساسلىق تېرىلىدىغان زىرائەت ھېسابلىنىدۇ. ئاپتونوم رايون بويىچە 1 مىليون 100 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە يازغى بۇغداي تېرىلىپ، تېرىش پىلانىنىڭ يېرىمىغا يېقىنى ئورۇندالدى، 2 مىليون مودىن ئارتۇق يەرگە قوناق تېرىلىپ، تېرىش پىلانىنىڭ %10كە يېقىنى ئورۇندالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدا 9 مىليون مودىن ئارتۇق يەرگە كېۋەز تېرىلىپ، مۇددىئا خاراكتېرلىك تېرىش پىلانىنىڭ %25ى تاماملاندى. بۇنىڭدىن باشقا، ياغلىق دان، كۆكتات، قوغۇن - تاۋۇز قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىش خىزمىتى ئۆز قەرەلىدە قانات يايدۇرۇلۇپ، تېرىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى بىلەن ئاساسەن تەڭلەشتى.

بۇ يىل ئەتىياز پەسلىدە، شىمالىي شىنجاڭ رايونى كۆپ قېتىم ھۆل - يېغىن ۋە بورانلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئاشلىق زىرائەتلىرىنى تېرىشقا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر يەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭدا كۈزگى بۇغداي غول تارتىپ باشاق چىقىرىش مەزگىلىدە تۇرماقتا، شىمالىي شىنجاڭدا كۈزگى بۇغداي غول تارتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تۈرلۈك ئېتىز پەرۋىشى تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى زور.

بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش، كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش كونكرېت تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋىلايەت، ئوبلاست مۇلازىمەت خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، 21 يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسىنى ئەترەت باشلاپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاشلىق، پاختا ئىشلەپچىقىرىشتىكى 21 چوڭ ناھىيەگە چوڭقۇر چۆكۈشكە ئەۋەتىپ، نۇقتىدا تۇرۇپ تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بۇغداي سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، پەرۋىش قىلىش، كېسەللىك - ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ئاشلىق، پاختا قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.