تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

چېچەك بىلەن تولغان يەنە بىر باھار  شىنجاڭنىڭ جاي-جايلىرىدا چېچەكلەر بەس-بەستە ئېچىلدى

   ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ ئۆرۈك چېچىكى، نەشپۈت چېچىكى، شاپتۇل چېچىكى، بادام چېچىكى قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن چېچەكلىدى، چىرايلىق چېچەكلەر خۇش ھىدىنى چېچىپ، گۈزەل باھار مەنزىرىسى يۆگىمە رەسىمىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چېچەك سەيلىسى قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. باھار شامىلى گۈل - گىياھلارنىڭ خۇش ھىدىنى تارقاتتى، باھار يامغۇرى چاڭ - توزانلارنى پاكىزلىدى، چېچەك سەيلىسى يىراق-يېقىندىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈردى.  

يەكەندىكى قىزغۇچ ئاق رەڭلىك گىلاس چېچەكلىرى شامالدا ئىرغاڭلايتتى. مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى

   يېقىندا، يەكەن ناھىيەسىدىكى 45 مىڭ مو يەردىكى گىلاسلار بەس-بەستە چېچەكلىدى، قىزغۇچ ئاق رەڭلىك گىلاس چېچەكلىرى شامالدا ئىرغاڭلاپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ تاماشا قىلىشقا، ​باھارنىڭ ھىدىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.

   4-ئاينىڭ 5-كۈنى، ساياھەتچىلەر كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىدا ئات مىنىپ سەيلە قىلماقتا. چىڭمىڭ مەزگىلىدە، نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىدىكى ئوت-چۆپلەر، دەل-دەرەخلەر بىخ سۈرۈپ، 30 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى ئۆرۈك چېچەكلەپ، ئۆزگىچە باھار مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جاي-جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.  4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، كۈنەس ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليۇ باڭ مۇنداق دېدى: ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى مەنزىرە رايونى راسا چېچەكلەش مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىگىچە داۋاملىشىشى مۆلچەرلەندى، ئەڭ گۈزەل پەيت يېتىپ كەلدى. جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى

   3-ئاينىڭ 26-كۈنى، ساياھەتچىلەر يالقۇنتاغ ئېتىكىدىكى بىر ئۆرۈك چېچەكزارلىقىدا سەيلە قىلماقتا. 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرى، تۇرپاندىكى نەچچە ئون مىڭ مو يەردىكى ئۆرۈك چېچىكى بەس-بەستە ئېچىلىپ، ساياھەتچىلەرنى ئارقا-ئارقىدىن كېلىشكە جەلپ قىلدى. ليۇ جيەن فوتوسى

   3-ئاينىڭ 25-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئاقسۇ شەھىرى فېڭچۈەنخې باغچىسىدا تاغ شاپتۇلى چېچىكىنى سۈرەتكە تارتماقتا. ھازىر بۇ باغچىدىكى تاغ شاپتۇلى چېچىكى باھار شامىلىدا قەرەلىدە ئېچىلىپ، خۇددى ھال رەڭ شەپەققە ئوخشاپ قالدى. ئېزىز سامساق فوتوسى

كورلا شەھىرىدە نەشپۈت چېچەكلىرى بەس-بەستە ئېچىلدى. ئىختىيارىي مۇخبىر خۇاڭ ۋەنلى فوتوسى

   4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، كورلا 2024 - يىللىق 8 - نۆۋەتلىك نەشپۈت مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى ھەم نەشپۈت چېچىكى بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى. ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، كورلا شەھىرىدىكى 400 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى نەشپۈت چېچەكلىرى بەس - بەستە ئېچىلدى، ساياھەتچىلەر نەشپۈتزارلىقنى سەيلە قىلىپ، باھاردىكى گۈزەل مىنۇتلاردىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى. 

   4-ئاينىڭ 3-كۈنى، ساياھەتچىلەر خوتەن ناھىيەسىنىڭ لايقا يېزىسى كالۋى كەنتىدە چېچەك سەيلىسى قىلماقتا. شۇ كۈنى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 2024-يىللىق چېچەك پەسلى ساياھىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ھەم خوتەن ناھىيەسىنىڭ باھاردا شاپتۇل چېچىكىدىن ھۇزۇرلىنىش مەدەنىيەت-ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيىتى بۇ كەنتتە ئۆتكۈزۈلدى. شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

   ساياھەتچىلەر يەكەن ناھىيەسى ئارال يېزىسى ئازغان باغ كەنتىدىكى بادام ئۆستۈرۈش بازىسىدا چېچەكلەردىن ھۇزۇرلىنىپ سەيلە-ساياھەت قىلماقتا. 4-ئاي كىرىشى بىلەن، يەكەن ناھىيەسىنىڭ 903 مىڭ مو يەردىكى باداملار ئارقا-ئارقىدىن چېچەكلەپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى كېلىپ باھار سەيلىسى قىلىپ چېچەكتىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسى ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتقا تايىنىپ بادام ئۆستۈرۈش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، ھازىر، بۇ ناھىيە دۆلىتىمىزدىكى مۇھىم بادام ئۆستۈرۈش بازىسىغا ئايلاندى.  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.