تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بۇ يىل ئەتىيازدىكى مېۋە ساھەسىدىكى «يېڭى ئەتىۋارلىق مىۋە» دەل شۇ! شىنجاڭدىنمۇ چىقىدۇ

تۇرپان ئۈزۈمى، قومۇل قوغۇنى 

كورلا نەشپۈتىنى ھەممە ئادەم ماختايدۇ

قاغىلىقنىڭ ئانىرى ئەڭ ياخشى

پەيزاۋات قوغۇنىنىڭ تەمى تىلنى يارىدۇ

شىنجاڭ داڭلىق «مېۋە-چېۋە ماكانى»

مېۋە-چېۋە تۈرلىرى كۆپ

«شىرنىلىك مېۋىلەرنىڭ شاھى» لەنمېيمۇ

بۇ جايلارغا «ماكانلاشتى»

سىز بىلەمسىز؟

بۇ باھاردا

لەنمېي مېۋە ساھەسىدىكى «يېڭى ئەتىۋارلىق مېۋە»گە ئايلاندى

ساۋمېي، گىلاستىن كېيىن

«شىرنىلىك مېۋىلەرنىڭ شاھى» لەنمېي بازىرى ئىتتىك بولۇشنىڭ «كۈچ ئۇلاش تايىقى»نى قولىغا ئالدى

ئەمما ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغىنى

لەنمېينىڭ زاكاز تالونى، سېتىلىش مىقدارى ھەسسىلەپ ئاشتى

سودىگەرلەر مال كىرگۈزۈشتە ھەتتا «تالىشىپ» سېتىۋالمىسا بولمايدىغان بولدى

لەنمېي سېتىلغان مېۋىلەر ئىچىدىكى «چېمپىيون» بولۇشقا مۇناسىپ بولدى

   يىمۇتيەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش-سېتىۋېلىش سۇپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل باھار بايرىمىدىن كېيىن، لەنمېي سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى شىددەت بىلەن %1100 ئاشقان، بۇ سۇپىدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 50 مىڭغا يېقىن سېتىۋېلىش سودىگىرى لەنمېينىڭ مال مەنبەسىنى ئىزدىگەن.

    جىددىي مال ئىزدىگەن سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى، «پۇراش سېزىمى ئۆتكۈر» سودا-سانائەت كاپىتال، كىرىمى كۆپ تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى، «لەنمېي ئەركىنلىكى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان ئىستېمالچىلار... «شىددەت بىلەن كۆپەيگەن زاكاز»نىڭ ئارقىسىدا، غايەت زور بازار بوشلۇقى، شۇنداقلا لەنمېي كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى پۇرسەت ۋە خىرىس يوشۇرۇنغان.

ئەلۋەتتە

شىنجاڭ لەنمېيسىمۇ

بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتتى

كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىسىدىكى ئەسلىھەلىك چوڭ پارنىكتا

يېشىل يوپۇرماقلار ئارىسىدا زىننەت بېرىپ تۇرغان دانە-دانە لەنمېيلاردىن 

سۇس مېۋە ھىدى تارايتتى

مەنبە: كورلا نۆل ئارىلىق

باغۋەن ۋاڭ چيۇيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان

لەنمېينىڭ بازار باھاسى بىرقەدەر يۇقىرى، ئېھتىياج زور بولۇپ

ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى

   ۋاڭ چيۇيۈ مۇنداق دېدى: «لەنمېينىڭ سېتىلىشى ياخشى، بۇ يىل مۆلچەرىمچە 80 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايمەن. ھازىر 200 مىڭ تۈپ لەنمېي كۆچىتى يېتىشتۈرۈۋاتىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ ياخشى ئۈزۈش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيمەن».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان

كورلا شەھىرى مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ

كەنت ئاھالىلىرىنى كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەپ

خاس يېزا ئىگىلىكىنى بەرپا قىلىپ

يېزا-كەنت ساياھىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ

دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى

مەنبە: پەيزاۋات ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

پەيزاۋات ناھىيەسى تېرىم يېزىسى ساڭ كەنتىدىكى لەنمېي ئۆستۈرۈش بازىسىدا

مەرۋايىتتەك لەنمېيلەرنىڭ يېڭىلىقى كىشىنى جەلپ قىلاتتى

2022-يىلى 4-ئايدا

بازا مەسئۇلى فۇ ۋېنبىن لەنمېينى سىناق قىلىپ ئۆستۈرۈشكە باشلىغان

ھازىر

سىناق تەرىقىسىدە ئۆستۈرۈلگەن لەنمېيلەردىن دەسلەپكى ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان

نۆۋەتتە لەنمېي ئۆستۈرۈش بازىسىدا

جەمئىي 133 چوڭ پارنىك بار بولۇپ

ئۆستۈرۈش كۆلىمى 140 مو كېلىدۇ

ھازىر لەنمېي راسا مېۋىلەش مەزگىلىگە كىرىپ

ئۈزۈلۈپ، دەرىجىگە ئايرىلىپ، ئوراش-قاچىلىنىپ 

لەنمېي بازىسىدا مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى

كۈندىلىك ئوتتۇرىچە مال تارقىتىش تېز يەتكۈزۈش مىقدارى 300-200 زاكاز بولدى

مەنبە: پەيزاۋات ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

لەنمېي بازىسى پائال ئىزدىنىپ،

ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى كىرگۈزۈپ

سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، تېمپېراتۇرا بىلەن نەملىكنى تەڭشەشنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ

ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەھلىل قىلىش، يىراق مۇساپىلىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، سۇپىدا ئورۇنلاشتۇرۇش، دەل جايىدا باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ

تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدىكى خەۋپ-خەتەرنى تۆۋەنلىتىپ

ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ

لەنمېينىڭ ئۆسۈش دەۋرىيلىكىنى قىسقارتتى

مەنبە: پەيزاۋات ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان

پەيزاۋات ناھىيەسى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ

يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ

دىققەتنى خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ

يېزا ئىگىلىكى خاس ئەۋزەل كەسىپ سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ

دېھقانلارنى بېيىتىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم تىرەككە ئايلاندۇردى

پەيزاۋات ناھىيەسى تېرىم يېزىسى ساڭ كەنتىدىكى لەنمېي بازىسىدىن بىر كۆرۈنۈش(ماتېرىيال سۈرەت).

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

لەنمېي «شىرنىلىك مېۋىلەرنىڭ شاھى» دەپ تەرىپلىنىدۇ

تەركىبىدە ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار مول بولۇپ

ئۈنۈملۈك بولغان كۆز ئاسراش، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولىغا ئىگە

2017-يىلى

لەنمېي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى تەرىپىدىن

ئىنسانلارنىڭ بەش چوڭ ساغلام يېمەكلىكىنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن

لەنمېينىڭ سۈپىتى ۋە تەمى سورتىنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ

كۆپىنچىسى تاتلىق، تەملىك، چۈرۈك بولۇپ

چوڭ-كىچىك ھەممەيلەنگە ماس كېلىدۇ

ھازىرقى مېۋە ساھەسىدىكى «يېڭى ئەتىۋارلىق مىۋە»نى

سىز يېدىڭىزمۇ؟

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.