تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

باھار پەسلىدە، شىنجاڭدا بۇ خەلقئارا لىنىيەلەر ئېچىلدى

   يازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلى كىرىشى بىلەن، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى قارىمىقىدىكى 24 ئايرودۇرۇمدا ھەر كۈنى ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئومۇمىي سانىنىڭ كۈنىگە 1000 ئايروپىلان قېتىمدىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى يەنىمۇ كۆپىيىپ، چەت ئەلدىكى 14 شەھەرگە ئايروپىلان قاتنايدىكەن، شىنجاڭدىكى 16 تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىدا شىنجاڭ سىرتىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان لىنىيەسى ئېچىلىدىكەن.

ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى-لوياڭ-باڭكوك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ

__________________________________________________________________________________________ ✈ 

    ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى-لوياڭ-باڭكوك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يولۇچىلارغا جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالى، ئوتتۇرا قىسمى بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونى ئارىسىدا قولايلىق كۆۋرۈك بەرپا قىلدى.

    مۇخبىرنىڭ  ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى − لوياڭ − باڭكوك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر جۈمە بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان بېرىپ- كېلىدىكەن، بېرىش مۇساپىسىدە، UQ2641 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 07:00دە ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 10:50تە لوياڭ بېيجياۋ ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن، سائەت 12:35تە لوياڭ بېيجياۋ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 16:50تە تايلاندنىڭ باڭكوك سۇۋەنناپۇ خەلقئارا ئايرودرومىغا قونىدىكەن. قايتىش مۇساپىسىدە، UQ2642 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 18:10دا باڭكوك سۇۋەنناپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 22:10دا لوياڭ بېيجياۋ ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن، سائەت 23:45تە لوياڭ بېيجياۋ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، ئەتىسى سەھەر سائەت 03:40 تا ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقارا ئايروپورتىغا قونىدىكەن (يۇقىرىقى ۋاقىتنىڭ ھەممىسى بېيجىڭ ۋاقتى). 

    ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى 2024- يىللىق يازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدە ئۈرۈمچى − لوياڭ − باڭكوك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي قىسىم، ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرى بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىنىڭ ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۈچ جاينىڭ ساياھەت، سودا، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

    يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە مۇنداق ئېتىبار باھانى يولغا قويغان: لوياڭدىن باڭكوكقا تاق يۆنىلىشلىك ئۇچۇش 600 يۈەن، باڭكوكتىن لوياڭغا تاق يۆنىلىشلىك ئۇچۇش 560 يۈەن، ئۈرۈمچىدىن باڭكوكقا تاق يۆنىلىشلىك ئۇچۇش 1000 يۈەن، باڭكوكتىن ئۈرۈمچىگە تاق يۆنىلىشلىك ئۇچۇش 1150 يۈەن بولىدۇ (يۇقىرىدىكى باھا باج- ھەقنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ). (مۇخبىر لى كەي، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ ۋېن)

ئۈرۈمچىدىن موسكۋاغا بىۋاسىتە ئايروپىلان قاتنايدۇ

 __________________________________________________________________________________________ ✈ 

   جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى خەۋىرىگە قارىغاندا، 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچىدىن موسكۋاغا قاتنايدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلىغان.

ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقارا ئايروپورتىدا توختىغان جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بوئىن 787 تىپلىق ئايروپىلانى. چې جيې فوتوسى

   بۇ، 2019-يىلى 11-ئايدا بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە قاتناش توختىغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم تىجارەتنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى بولۇپ، شىنجاڭدىكى رۇسىيە موسكۋاغا بارىدىغان بىردىنبىر قەرەللىك يولۇچى توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن، جۇڭگو-رۇسىيە ساياھەتچىلىرىنىڭ «ئۆزئارا زىيارەت قىلىشى»غا يەنە يېڭى يول قوشۇلغانلىقدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇ چاغدا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى پىلانى ئىجرا قىلىنىدىغان خەلقئارا\رايون ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 16گە يېتىپ، ئايروپىلان قاتنايدىغان 14 شەھەرگە چېتىلىدىكەن.

   بۇ قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانلانغان ئۈرۈمچى-موسكۋا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى CZ6001/2 بولۇپ، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم قاتنايدۇ، بوئىن 787 تىپلىق كەڭ گەۋدىلىك ئايروپىلان ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدۇ، بېرىپ-كېلىشتە 500دىن ئارتۇق ئورۇن بىلەن تەمىنلەيدۇ. بېرىش سەپىرىدە بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20دە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، موسكۋا ۋاقتى سائەت 21دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە موسكۋاغا يېتىپ بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەرنىڭ موسكۋا توغرىسىدىكى ئىزدىنىشى تېخىمۇ ئازادە، قولايلىق بولۇپ، قىزىل مەيدان، كرېمىل سارىيى، موسكۋا چوڭ تىياتىرخانىسى قاتارلىق داڭلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بېرىپ داكا قىلىپ، رۇسچە قارا بولكا، شاكىلات، ھەسەل، ۋودكا قاتارلىق ۋەكىل خاراكتېرلىك مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلىنالايدۇ، رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەرمۇ جۇڭگو مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ، «گۈزەل شىنجاڭ» يىپەك يولى مەنزىرىسىنى ھېس قىلالايدۇ.

   2023-يىلى 8-ئايدا، رۇسىيە جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە ئېلېكتىرونلۇق ۋىزىنى ئېچىۋەتتى، كۈچكە ئىگە مۇددىتى 60 كۈن بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ رۇسىيە چېگراسى ئىچىدە 16 كۈن تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ۋىزىسىز كوللېكتىپ ساياھەت قىلىش كېلىشىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بەشتىن 50كىچە كىشىدىن تەركىب تاپقان ساياھەت ئۆمەكلىرىنىڭ ۋىزا بېجىرمەيلا قارشى تەرەپنىڭ دۆلىتىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى. 2024ـ يىلى جۇڭگو-رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، ئۈرۈمچى-موسكۋا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ قايتا ئېچىلىشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەل رايىنى تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈك سېلىپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. (مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋىرى)

غۇلجىدىن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتاغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تۇنجى ئۇچۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

 __________________________________________________________________________________________ ✈ 

   4-ئاينىڭ 15-كۈنى، غۇلجىدىن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتاغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تۇنجى ئۇچۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.