تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى قاقتى-سوقتى قىلىپ ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشلىرىنى تېز پاش قىلىڭ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 200 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ!

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن چۈنشياڭ خەۋەر قىلىدۇ) پەقەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىسپاتى بولسىلا، دوختۇرخانىدا ھەقسىز يېتىپ، دورىنى ھەقسىز سېتىۋالغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە پۇل تاپقىلى بولىدۇ؟ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسىدىكى پۇلغا دورا سېتىۋېلىپ نەق پۇلغا ئالماشتۇرغىلى بولامدۇ؟ ئالدىنىپ قالماڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى قاقتى-سوقتى قىلىپ ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشىغا تەۋە! 4-ئاي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش ئېيى، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى يېقىندا ھەرقايسى بىر تۇتاش پىلانلىغۇچى رايونلارنىڭ پاش قىلىش، ئەرز قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلدى، ئامما داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى قاقتى-سوقتى قىلىپ ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشلىرىنى بايقىسا ھەر ۋاقىت پاش قىلسا بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىز پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەسلىدىكى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 100 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپات سوممىسىنى 200 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ دېلولارنى پاش قىلغانلارنى ئىككىنچى قېتىم مۇكاپاتلاش تەدبىرىنى تۈزۈپ، ئاممىنىڭ فوندنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىدى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تارماقلىرى 187 پاش قىلغۇچىنى مۇكاپاتلىدى، مۇكاپات سوممىسى 100 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى.

4-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش ئېيى پائالىيىتى باشلاندى، خىزمەتچى خادىملار ئاممىغا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتىنى تەشۋىق قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن چۈنشياڭ فوتوسى

  قايسى قىلمىشلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىكى قاقتى-سوقتى قىلىپ ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشىغا كىرىدۇ؟

  بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشى ئاساسلىقى: (1) باشقىلارنىڭ نامىدا ياكى ساختىلىق قىلىپ كېسەل كۆرسىتىش، دورا سېتىۋېلىش، ساختا ئىسپات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەشكە ئېزىقتۇرۇش، ياردەملىشىش، ياكى باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ساختا ھەق تالونى كەسكۈزۈش؛ (2) تېببىي ھۆججەت، تېببىي ئىسپات، بوغالتىرلىق ئىسپاتى، ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر قاتارلىق ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئويدۇرۇپ ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش، يوشۇرۇش، ئۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىش، يوقىتىش؛ (3) ساختا تېببىي دورا مۇلازىمەت تۈرى؛ (4) سۇغۇرتىغا قاتناشقان خادىملارنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ دورا ئېلىپ سېتىش، نەق پۇل قايتۇرۇشنى قوبۇل قىلىش، ماددىي بۇيۇم ياكى باشقا قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىش؛ (5) داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنىڭ چىقىم قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدىغان داۋالىنىش خىراجىتىنى داۋالىنىش كاپالىتى فوندى راسچوتىغا كىرگۈزۈش قاتارلىق قىلمىشلار.

  نۇقتىلىق پارچە سېتىش دورىخانىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشلىرى ئاساسلىقى: (1) رېتسېپ ياكى خىراجەت تىزىملىكى ئويدۇرۇپ ياساپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسى ياكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلېكترونلۇق ئىسپاتىنى قۇرۇق سۈركەپ، ئوغرىلىقچە ئىشلىتىپ نەق پۇل ئېلىۋىلىش ياكى ئوزۇقلۇق، ساغلاملىق بۇيۇملىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق داۋالاش بۇيۇملىرىدىن سىرت بۇيۇملارنى سېتىۋىلىش؛ (2) داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورىلىرىنى ئېلىپ-سېتىشقا قاتنىشىش ياكى ھەمكارلىشىش؛ (3) سېتىۋېلىش-ھەدىيە قىلىش، خىراجەتنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، دورا قوشۇپ سېتىش، ئەزالىق كارتىسى (يىللىق كارتا) بېجىرىش ۋە تاماق بۇيرۇتۇش شەكلىدە دورا يېزىپ بېرىش، ۋاكالىتەن رېتسىپ يېزىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنى دورا سېتىۋېلىشقا يېتەكلەش؛ (4) بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى بولمىغان ئاپپاراتلارنى كارتا سۈركەپ ھېساب خاتىرىلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق قىلمىشلار.

  سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ داۋلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشى ئاساسلىقى: (1) داۋالاش مۇلازىمىتى ھۆججىتى ياساپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛ (2) شەخسلەرنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى سالاھىيەت ئىسپاتىنى باشقىلارنىڭ داۋالىنىشىغا ئارىيەت بېرىش ياكى باشقىلارنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى سالاھىيەت ئىسپاتىنى ئېلىپ باشقىلارنىڭ نامىدا داۋالىنىش؛ (3) داۋالىنىش كاپالىتى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ دورا ئېلىپ سېتىش، قايتۇرغان نەق پۇل، ماددىي بۇيۇمنى قوبۇل قىلىش ياكى باشقا قانۇنسىز مەنپەئەتلىنىش؛ (4) داۋالىنىش كاپالىتى تەمىناتىدىن تەكرار بەھرىمەن بولۇش.

  داۋالىنىش كاپالىتى بېجىرگۈچى ئاپپارات خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشى ئاساسلىقى: (1) داۋالىنىش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرمەيدىغان خادىملار ئۈچۈن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى رەسمىيىتىنى بېجىرىش؛ (2) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا داۋالىنىش كاپالىتى خىراجىتى تۆلەش؛ (3) بېجىرگۈچى ئاپپارات خىزمەتچى خادىملىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى قاقتى-سوقتى قىلىپ ئالداپ ئېلىۋېلىشقا قاتنىشىش.

  ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى فوند نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ياڭ شياۋ مۇنداق دېدى: ئامما تۇرمۇش، خىزمەت جەريانىدا ساختا داۋالىنىش، باشقىلارنىڭ نامىدا داۋالىنىش، تېببىي دورىگەرلىك ئاپپاراتلىرى ئىستېمالغا ئۈندەش قاتارلىق يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىلمىشلارنى بايقىسا، شۇ جايدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تارماقلىرىغا پاش قىلسا بولىدۇ. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تارماقلىرى پاش قىلغۇچىلارغا مۇناسىپ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەدبىرى قوللىنىدۇ، پاش قىلىش ئارقىلىق راستلىقى ئىسپاتلانغانلارنى بەلگىلىك نىسبەت بويىچە مۇكاپاتلايدۇ، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 200 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.

  قوشۇمچە: پاش قىلىش، ئەرز قىلىش تېلېفونى

  ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى: 8830766 ـ 0991

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى:  4802271 -0991

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى: 8023138-0999

  تارباغاتاي ۋىلايەتلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى: 6111799-0901

  ئالتاي ۋىلايەتلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى: 2102006 _ 0906

  قاراماي شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى: 6235196-0990  6259277-0990   

  بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى: 2319832-0909

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى: 2288160-0994

  قۇمۇل شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى: 2300175 - 0902

  تۇرپان شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى: 7600021-0995

  باينغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى: 2276790-0996

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك داۋالىنىش كاپالەت ئىدارىسى: 2530098-0997

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى: 4220711 - 0908

  قەشقەر ۋىلايەتلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى: 2666208-0998

  خوتەن ۋىلايەتلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى: 2021990-0903

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.