تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   گۈزەل شىنجاڭ

ئەتلەسنىڭ گۈزەللىكى شۋېتسارىيە، فىرانسىيە، كىرودىيە...لەردە نامايان بولدى

 يېقىندا،

«شىنجاڭ ئېستېتىكىسىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشى»

قىزىق تېمىغا ئايلاندى.

شىۋېيتسارىيە، فىرانسىيە،

كىرودىيە، كورېيە قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن

قىز - يىگىتلەر دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان ئەتلەسنى ئېلىپ

شىنجاڭدىن چىقتى، جۇڭگودىن چىقتى، دۇنياغا يۈزلەندى.

  قەدىمكى بىلەن ھازىرقىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇپ

زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ ئۆتتى 

شۇ پەيتتە، ئەتلەس يېڭىچە ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتماقتا. 

قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى «گۈلىنىڭ ئۆيى»دە، ئارتىس قىز ئەتلەس كۆڭلەك كىيىپ مۇزىكىغا جۆر بولۇپ ئۇسسۇل ئوينىماقتا (ماتېرىيال سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

 ئەتلەس

شىنجاڭنىڭ خاس قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇمى بولۇپ،

مىڭ يىلدىن ئارتۇق يىپەك توقۇمىچىلىق تارىخىغا ئىگە خوتەن بوستانلىقى

قەدىمىي يىپەك يولىدىكى «تىرىك تاشقاتما» دەپ ئاتىلىدۇ. 

خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسى ئەتلەس كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى قولدا توقۇش ماشىنىسىدا ئەتلەس توقۇماقتا (ماتېرىيال سۈرەت). ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى 

ئەتلەسنىڭ رەڭگى چىرايلىق، سىزىقلىرى ئېنىق بولۇپ،

دەرەخ يوپۇرمىقى، پەي، بۇغداي باشىقى قاتارلىقلار نەقىشلىنىدۇ

2008ـ يىلى

ئەنئەنىۋى ئەتلەس توقۇش ھۈنەر ـ سەنئىتى

دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

ئەينى ۋاقىتتا،

بۇ ئەنئەنىۋى ياساش ھۈنەر-سەنئىتى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بولۇپ

ئىستېمالچىلار توپى كۈندىن-كۈنگە ئازىيىپ كەتكەنىدى،

ئاپتونوم رايون 2015 - يىلى

شىنجاڭ ئەتلەسلىرىنى تەتقىق قىلىپ كېڭەيتىش مەركىزى قۇرۇپ،

ئەتلەسنى قىزغىن سۆيىدىغان لايىھەلىگۈچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى يىغىپ،

بىرلىكتە يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ،

بۇ قەدىمىي غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ياشلىق ئېنېرگىيەسىنى قوزغاتتى 

خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسىدىكى بىر بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنىدا، دۇكاندار ئەمدىلا توقۇپ چىقىلغان ئەتلەسنى ئاسماقتا. ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

 بۈگۈنكى كۈندە

ئەتلەس ئامىلى

ھەر خىل تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىدە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا. 

ئەتلەستىن تىكىلگەن چىپاۋ ۋە سومكا. مەنبەسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى 

ئەتلەستىن ياسالغان پانۇس (ماتېرىيال سۈرەت). مەنبە: كۇچا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 رەسسام ئېرپان ئالىمجان ئەتلەسنى رەسىم رەختى قىلىپ ئىجادىيەت قىلدى (ماتېرىيال سۈرەت). ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جياڭ داۋېي فوتوسى

 رەڭدار ئەتلەس توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدىڭىزمۇ؟

    مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى ۋىيشىن نومۇرى، ئۇنىۋېرسال ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇچا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.