4-ئاينىڭ 11-كۈنى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرى داۋالاش مەركىزىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان داۋالاش مۇتەخەسسىسى، ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرى ئىچكى بۆلۈمىنىڭ كەسپىي مۇدىرى چېن يىڭ ۋە بۆلۈمدىكى تېببىي خادىملار بورتالا شەھىرىنىڭ گۇلمۇتۇ كوچا باشقارمىسى ئالغا مەھەللىسىگە كېلىپ، «بىز بىرلىكتە <ئاشقازان> ساغلاملىقىنى قوغدايلى» تېمىسىدىكى پائالىيەتنى قانات يايدۇردى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، دوختۇرلار ئاھالىلەر بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرگە سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بەردى ھەمدە ئاغرىقلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ساغلاملىق جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى ۋە داۋالاش تەكلىپىنى بەردى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار فېڭ مىڭرۇي، جاۋ جياڭتۇڭ)
پائالىيەت نەق مەيدانىدا، تېببىي خادىملار ئاھالىلەرنىڭ قان بېسىمىنى ھەقسىز ئۆلچەپ قويدى ھەمدە كۆرسەتكۈچى يۇقىرىراق ئاھالىلەرگە قاراتمىلىق ھالدا داۋالاش-تەڭشەش تەكلىپىنى بەردى.
تېببىي خادىملار ئاھالىلەرگە ئاشقازاندا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ كېسەللىك سەۋەبى، كىلىنىكىلىق ئىپادىسى، ئالدىنى ئېلىش ۋە كۈندىلىك كۈتۈنۈش بىلىملىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى