تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
«شىنجاڭنىڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش» ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش تۈرى بولغان باركۆل 800± كىلوۋولتلۇق تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئالماشتۇرۇش پونكىتى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى. (4-ئاينىڭ 15-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). بۇ تۈردە 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىش ئەسلىگە كېلىپ، ھازىر توپا-تاش قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىردى. «شىنجاڭنىڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسىنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ سىرتقا توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 33 مىليون كىلوۋاتقا يېتىدۇ. تيەن تېڭشەن فوتوسى