كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
4-ئايمۇ كىردى، باھار پەسلىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، كۈنەس ناھىيەسىدىكى يايلاقلار ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، يېشىللىققا پۈركەندى. 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، جائۇر تېغىدىكى ھەر خىل گۈل-گىياھلار پورەكلەپ ئېچىلىپ، يېشىللىقنى زىننەتلەپ، ئىنتايىن گۈزەل تۈسكە كىرىپ، ساياھەتچىلەرنى باھار سەيلىسى قىلىشقا جەلپ قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ھەر يىلى 4-، 5-، 6- ئايلاردا ئۆرۈك چېچىكى، شىرىشگۈل، ئاق زەپە، ياۋا كۈركۈم گۈل، تىيانشان زاراڭزىسى قاتارلىق تۈرلۈك گۈللەر كۈنەس ناھىيەسىدىكى يايلاقتا ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ باھار سەيلىسى قىلىدىغان ياخشى جايىغا ئايلىنىدۇ.
\
(كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى جاڭ ۋېنتىڭ)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى