تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭنىڭ سالمون بېلىقى فۇجيەن​گە «ئۈزۈپ» باردى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

مېھمانلار شىنجاڭدىن كەلگەن سالمون بېلىقىنى تېتىپ- باھالىماقتا. شىنخۇا تورى تارقاتقان (سۈرەتنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن تەرەپ تەمىنلىگەن)

 4- ئاينىڭ 13- كۈنى، «تىيانشاندىن ئوخچۇدى سالمون بېلىقى» تېتىش- باھالاش يىغىنى شيامېندا ئۆتكۈزۈلدى.

 تېتىش- باھالاش يىغىنىغا فۇجيەندىكى نۇقتىلىق يېمەك- ئىچمەك كەسپى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە يېمەكلىك تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار ئاپپاراتلار، يۇقىرى دەرىجىلىك يېمەكلىك مۇسابىقە ئىشلىرىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگۈچى ئورۇنلاردىن 110دىن ئارتۇق ئەزىز مېھمان تەكلىپ قىلىندى.

 تېتىش- باھالاش يىغىنىدا، كۆپچىلىك شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نىلقا ناھىيەسى قارا سۇ يېزىسىنىڭ سالمون بېلىقى بازىسىدا بېقىلغان سالمون بېلىقىدىن ياسالغان ھەر خىل قورۇمىلارنى تېتىدى.

 تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نىلقا ناھىيەسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان قاش دەرياسىنىڭ سۇ مەنبەسى تىيانشان تېغىنىڭ ئېرىگەن قار سۈيى بولۇپ، سۇ تېمپېراتۇرىسى يىل بويى 20 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن، سۈزۈك ھەم سوغۇق، سوغۇق سۇ بېلىقى بېقىشقا ماس كېلىدىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق ھەم يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى (FAO) ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، سالمون بېلىقى باقمىچىلىقى ئاساسلىقى ئاتلانتىك ئوكيان سالمون بېلىقى، رەڭدار ترۇت بېلىقى، كۈمۈش سالمون بېلىقى ۋە پادىشاھ سالمون بېلىقىدىن ئىبارەت تۆت خىلغا بۆلىنىدىكەن. رەڭدار ترۇت بېلىقى سوغۇق سۇدا يۇقىرى ئېقىمغا كۆچىدىغان بېلىق تۈرى بولۇپ، دېڭىز سۈيىدىمۇ، تاتلىق سۇدىمۇ ياشىيالايدىكەن.

 شىنجاڭ ئوۋشەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېن سىخەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2014- يىلى، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەلا سۈپەتلىك رەڭدار ترۇت بېلىقى يېتىلىۋاتقان تۆرەلمىسى شىمالىي ئامېرىكا، دانىيە قاتارلىق جايلاردىن قاراسۇ يېزىسىغا جايلاشقان سالمون بېلىقى بازىسىغا يۆتكەپ كېلىندى، فۇجيەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، سالمون بېلىقى شىنجاڭ تىيانشان تاغ تىزمىسىدىكى مۇزلۇقلاردىن ئېرىگەن قار- مۇز سۈيىدە يېڭى ماكان تۇتتى. 

 شىنجاڭنىڭ سالمون بېلىقىنى فۇجيەندىكى پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقىرىش ئۈچۈن، فۇجيەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى شيامېن شۆبە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، بۇ قېتىمقى تېتىش- باھالاش يىغىنى شيامېندا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا، بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى يېمەك- ئىچمەك كارخانىلىرى، تاللا بازارلىرىمۇ دەسلەپكى قەدەمدە سېتىۋېلىش مۇددىئاسى ھاسىل قىلدى. (لىن چېڭ) 

مېھمانلار شىنجاڭدىن كەلگەن سالمون بېلىقىنى تېتىپ- باھالىماقتا. شىنخۇا تورى تارقاتقان (سۈرەتنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن تەرەپ تەمىنلىگەن)

نىلقا ناھىيەسى قارا سۇ يېزىسىدىكى سالمون بېلىقى بازىسىدا بېقىلغان سالمون بېلىقى. شىنخۇا تورى تارقاتقان (سۈرەتنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن تەرەپ تەمىنلىگەن)

نىلقا ناھىيەسى قارا سۇ يېزىسىدىكى سالمون بېلىقى بازىسىدا بېقىلغان سالمون بېلىقى. شىنخۇا تورى تارقاتقان (سۈرەتنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن تەرەپ تەمىنلىگەن)

 پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.