تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولدى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئىشەنچىمىزنى قايتىدىن تۇرغۇزۇشىمىزغا ياردەم بەردى». يېقىنقى كۈنلەردە، ئاقسۇ شەھىرى بەشتۈگمەن يېزىسىنىڭ ئاھالىسى سۇ x ئۇچرىغانلا كىشىگە شۇ جايدىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ ئۇنىڭغا چوڭ ياردەم قىلغانلىقىنى، قىيىنچىلىقتا قالغان ئائىلىسىگە ئۈمىد بېغىشلىغانلىقىنى ماختاپ بېرىدىغان بولدى.

 سۇ x  بىر ئاددىي دېھقان، ئائىلىسىدە ئىككى جان بار. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ تۇيۇقسىز يوتا سۆڭىكى سۇنۇش، مېڭە تىقىلمىسى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىرى قوزغىلىپ، ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالانغاندىن كېيىن، تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قالدى. سۇ x ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن بولۇپ، سىرتقا ئىشلەشكە چىقالمىدى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بىردىنلا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.

 بۇ يىل 3- ئايدا، بەشتۈگمەن يېزىسىنىڭ خەلق ئىشلىرى كادىرلىرى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئۆيلەرگە كىرگەندە، سۇ x نىڭ ئائىلە ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇردى. نۆۋەتتە، ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى 4068 يۈەن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش پۇلى بەردى، ئۇلارنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقى ھەل بولدى.

 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، 1- ئايدىن ھازىرغىچە، نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش، تېلېفوندا زىيارەت قىلىش، سانلىق مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پۈتۈن شەھەردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى. شەھەر، يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتىدىن 7332 ئائىلىدىكى 16 مىڭ 673 كىشىگە 22 مىليون 645 مىڭ 500 يۈەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى تارقىتىپ بەردى، ۋاقىتلىق ياردەم بېرىش ئوبيېكتى بولغان 45 ئائىلىدىكى 133 كىشىگە 145 مىڭ 990 يۈەن ۋاقىتلىق ياردەم بېرىش پۇلى تارقىتىپ بەردى.

 (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئانارگۈل تۇراۋدۇن، راخمان ياسىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.