تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئەر ئارىلىشىۋاتقان قىز دوستىنىڭ ئەسلىي ئىككى بالىنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى بايقاپ ھاڭ- تاڭ قالدى!

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شيۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر يېركىنگۈل دۇيشاقان 

 توردا تونۇشقان قىز دوستى بىلەن يېرىم يىلدىن كۆپرەك قىزغىن مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىككى بالىنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى تۇيۇقسىز بايقىغان! داپېڭ ھەر قېتىم بۇ  ئەخمىقانە مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسىنى ئويلىسا، يۈرىكى ئاغرىيدۇ. 

 2021- يىلى 5- ئايدا، داپېڭ بىلەن شياۋنى مەلۇم پاراڭلىشىش يۇمشاق دېتالىدا تونۇشقان. دەسلەپتە، ئىككىيلەن ئادەتتىكىچە پاراڭلاشقان، كېيىن پاراڭلىشىش جەريانىدا قارشى تەرەپ بىلەن پاراڭلىشىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان گەپلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاستا- ئاستا ھېس قىلغان، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار ناھايىتى تېزلا ئاشىق- مەشۇقلۇق مۇناسىۋىتىنى بېكىتكەن.

 «مىجەزىم يوق، ئۈرۈمچىگە بېرىپ كېسىلىمنى كۆرسىتەي دەيمەن، سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنىڭ ئالدىراشلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېقىن دوستۇمنى كېسەل كۆرسىتىشكە ھەمراھ بولۇپ بارسۇن دەيمەن.» مۇھەببەتلىشىپ يېرىم يىلدىن كېيىن، شياۋنى يېقىن دوستىنىڭ ۋېيشىن نومۇرىنى داپېڭغا يوللاپ بەردى.

 داپېڭ بىر تەرەپتىن قىز دوستىنىڭ ئەقىللىك ئىكەنلىكىدىن مەمنۇن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن قىز دوستىنىڭ يېقىن دوستىنىڭ ۋېيشىن نومۇرىنى قوشۇۋالدى.

 «شياۋنىنىڭ كېسىلى بىر قەدەر ئېغىر، دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەككەن، بىز ئېلىۋالغان پۇل يەتمىدى.» بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا، شياۋنىنىڭ يېقىن دوستى داپېڭ بىلەن ئالاقىلەشتى.

 داپېڭ قىز دوستىغا ھەمراھ بولۇپ كېسەل كۆرسەتكىلى بارالمىغانلىقىدىن خىجىل بولۇپ، دەرھال قارشى تەرەپنىڭ ھېساباتىغا داۋالىنىش خىراجىتى يۆتكەپ بەردى. شياۋنىنىڭ يېقىن دوستىنىڭ قىز دوستىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، داپىڭ يەنە قارشى تەرەپ ھېساباتىغا  5000 يۈەن جاپا تارتىش ھەققى يۆتكەپ بەردى.

 شياۋنى دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، يەنە تۆۋەندىكىدەك «قىيىنچىلىق»لارنى ئېيتتى: «سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس چوقۇم ئىمپورت قىلىنغان ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىلارنى يېيىشىم كېرەككەن»، «تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى جىددىي سېتىۋېلىش زۆرۈر بولۇپ قالدى»، «يېقىن دوستۇم ھالىمدىن خەۋەر ئالىمەن دەپ خىزمىتىگە دەخلى يەتكۈزدى»قاتارلىقلار.

 داپېڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىنىڭ قىيىنچىلىقتا قېلىشىنى خالىماي، ھەمىشە سېخىيلىق بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ھېساباتىغا پۇل يۆتكەپ بەردى. قىسقىغىنا بىر يىل ئىچىدە، شياۋنى ۋە ئۇنىڭ يېقىن دوستى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن داپېڭ ھېساباتىغا يۆتكەپ بەرگەن 460 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلغا ئېرىشتى. 

 2022- يىلى 6- ئايدا، داپېڭ بىر دوستى بىلەن سىرتقا چىقىپ، مەلۇم مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا قىز دوستىنى تۇيۇقسىز  ئۇچرىتىپ قالدى. بۇ چاغدا، ئىككى بالا قىز دوستىغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كەلدى ھەم ئىككىلىسى ئۇنى «ئانا!» دەپ چاقىردى.

 داپېڭ شۇندىلا ئالماقچى بولغان قىز دوستىنىڭ ئەمەلىيەتتە توي قىلغان شۇنداقلا پەرزەنتلىرى بارلىقىنى بايقاپ، ساقچىخانىغا بېرىپ دېلو مەلۇم قىلدى. 

 گۇڭئەن ئورگىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شياۋنىنىڭ ئېرىنىڭ يىل بويى سىرتتا خىزمەت قىلىدىغانلىقى، ئىككى بالىسىنىڭ ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ زېرىكىشلىك ھېس قىلىپ توردا پاراڭلىشىپ ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدى. ئاتالمىش يېقىن دوستىنىڭ رولىنىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇ يەنە بىر ۋېيشىن نومۇرى ئارقىلىق ئالغان ئىكەن.

 «شياۋنىنىڭ يېقىن دوستىنى ئەزەلدىن كۆرمەي تۇرۇپ، ئازراقمۇ گۇمانلانمىدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدى دېلو بېجىرگۈچى ساقچى، داپېڭ قاتتىق پۇشايمان قىلدى.

 گۇڭئەن ئورگىنى مۇنداق دەپ قارىدى: شياۋنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، پاكىت ئويدۇرۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن باشقىلارنىڭ مال- مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، سوممىسى ناھايىتى كۆپ، ئۇنىڭ قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. 2023- يىلى 9- ئايدا چۆچەك شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنى قانۇن بويىچە ئەيىبلىدى.

 سوت مەھكىمىسىنىڭ قاراپ چىقىشى بىلەن، شياۋنىغا مۇددەتلىك 9 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى، ھەم  80 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى. نۆۋەتتە، بۇ ھۆكۈم كۈچكە ئىگە. (ماقالىدىكى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئىسمى بىردەك يالغان ئىسىم).

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.