تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ئۈرۈمچى: ياشانغاندا خۇشاللىقى بولۇش  تىكتاك توپ ئارقىلىق سالاپىتىنى نامايان قىلىش

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، تىكتاك توپ ھەۋەسكارى ئەرلەر يەككە ئويناش مۇسابىقىسىدە توپ باشلىماقتا.

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر تاڭ يۇڭ خەۋىرى، فوتوسى) «ياخشى توپ» «ئېسىل»... «تىك-تاك» قىلغان زىل ئاۋازغا ئەگىشىپ، مەدەت بەرگەن ئاۋازلار، ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى. 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جەمئىيەت تەنتەربىيەسى تەرەققىيات مەركىزى(ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى كاتىبات باشقارمىسى) بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياشانغانلار تەنتەربىيە جەمئىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان 2024-يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ياشانغانلار تىكتاك توپ مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى جۈيوۋ تىكتاك توپ كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئەرلەر يەككە ئويناش ۋە ئاياللار يەككە ئويناش تۈرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 60 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان 48 تىكتاك توپ ھەۋەسكارى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشتە ياشانغانلارنى تەنھەرىكەت خۇشاللىقىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تاللاش مەقسەت قىلىنغان.

    بۇ قېتىمقى ياشانغانلار تىكتاك توپ مۇسابىقىسى «مۇھىمى قاتنىشىش، مۇھىمى ساغلام بولۇش، مۇھىمى پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھىمى خۇشال بولۇش، مۇھىمى بىخەتەر بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تىكتاك توپ ھەۋەسكارلىرىغا پىكىر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىپ، پۈتۈن جەمئىيەتكە «مەن قاتنىشىمەن، خۇشال بولىمەن، ساغلام بولىمەن، بەختلىك بولىمەن» دېگەن ئاكتىپ كۈچنى يەتكۈزدى.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، تىكتاك توپ ھەۋەسكارى ئاياللارنىڭ يەككە ئويناش مۇسابىقىسىدە قايتۇرما توپنى ئالماقتا.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، تىكتاك توپ ھەۋەسكارى ئاياللارنىڭ يەككە ئويناش مۇسابىقىسىدە ئېگىز ئېتىپ توپ باشلىماقتا.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، تىكتاك توپ ھەۋەسكارلىرى ماھارەت توغرىسىدا پىكىرلەشمەكتە.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، رېپىر مۇسابىقىدە رېپىرلىق قىلماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.