تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىز ئۆزئارا ياردەملىشىپ دوستانە ئۆتىدىغان چوڭ ئائىلە

​− 8 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىسى لى خۇڭشيۇ توغرىسىدا

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئالتاي شەھىرى قىزىل تاش بازىرى ساياتېرەك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى 68 ياشلىق لى خۇڭشيۇ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە كەنتتىكى «قۇرجا» مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىنى پاكىز تازىلىدى.

بۇ كۈنى مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىدا روزا ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، پۈتكۈل كەنت شاد - خۇراملىق ئىلكىدە بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى.

لى خۇڭشيۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: «قۇرجا» 1861 - يىلى شەكىللەنگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا گەنسۇ، شەنشى، سەنشى ئەتراپلىرىدىن ئالتاي شەھىرىنىڭ قىزىل تاش بازىرى ئەتراپىغا كۆچۈپ كەلگەن 40 نەچچە ئائىلىلىك خەنزۇ دېھقاننى كۆرسىتىدۇ. «قۇرجا» قازاق چارۋىچىلارنىڭ بۇ 40 نەچچە ئائىلىلىك خەنزۇ ئاممىنى ئاتاشتىكى خاس نامى بولۇپ، «كونا 40 ئائىلىلىك» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ساياتېرەك كەنتى كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنت بولۇپ، خەنزۇ مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى، قازاق مىللىتى، موڭغۇل مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، رۇس مىللىتى قاتارلىق مىللەتلەر بار، كۆپ يىللاردىن بۇيان، قوشنىلار ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئۆزئارا يار - يۆلەك بولۇپ كەلدى.

«ھەر قېتىملىق بايرامنى قولۇم - قوشنىلار ھەممىمىز بىرلىكتە ئۆتكۈزىمىز، خۇڭشيۇ ھەدىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، كۆپچىلىك بىرلىكتە مەززىلىك تائاملارنى تەييارلايمىز، ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلايمىز، ناھايىتى قىزىپ كېتىدۇ» دېدى كەنت ئاھالىسى تاسقىن قۇۋاندىق.

تاسقىننىڭ نەزەرىدە، لى خۇڭشيۇ قىزغىن، ئاق كۆڭۈل، مەيلى كىمنىڭ ئائىلىسىدە تۇرمۇشتا، ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قولىنى سۇنىدۇ. تاسقىن دەل لى خۇڭشيۇ ئائىلىسىنىڭ ياردىمىدە ياخشى كۈنگە ئېرىشكەن.

«تاغا، مېنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغۇم بار!» 30 نەچچە يىل ئىلگىرى، تاسقىننىڭ بىر ئېغىز سۆزى ھازىرغىچە لى خۇڭشيۇنىڭ ئېرى ساۋ جۇڭۋېينىڭ قۇلاق تۈۋىدىن كەتمەيدۇ.

1985 - يىلى، يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان ساۋ جۇڭۋېي بىر قازاق چارۋىچى بىلەن تونۇشۇپ قالدى، ئۇ بۇ چارۋىچىنىڭ ئائىلىسىنىڭ نامرات ئىكەنلىكىنى، ئوغلى تاسقىننىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۆيىدە چارۋا بېقىۋاتقانلىقىنى بىلدى.

«ئەينى چاغدا تاسقىننىڭ <تاغا، مېنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغۇم بار> دېگەن بىر ئېغىز سۆزى ئېرىمنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇردى.» لى خۇڭشيۇ مۇنداق دېدى: ئېرىم ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ماڭا مەسلىھەت سالدى، بىز ناھايىتى تېزلا تاسقىنغا بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالاقىلىشىپ بەردۇق.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان ئۈچ يىلدا، تاسقىن لى خۇڭشيۇنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بىللە ئۆگىنىپ، ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللاردەك ئۆتتى. بۈگۈنكى كۈندە، تاسقىن ئاساسىي قاتلامدىكى بىر تېببىي خىزمەتچى بولۇپ قالدى.

بىز پاراڭلىشىۋاتقاندا قوشنىسى چەكېن ياسىن مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىغا كەلدى.

«ئائىلىمىزنىڭ خۇڭشيۇ ھەدە بىلەن قوشنا بولغىنىغا 50 يىل بولدى، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىمىز. كىچىك ۋاقتىمىزدا بىزنىڭ كىيىملىرىمىزنى ھەمدە سىڭلىم ياتلىق بولغاندىكى قىز مېلىنىڭ ھەممىسىنى خۇڭشيۇ ھەدەم تەييارلاپ بەرگەن» دېدى چەكېن.

«مېنىڭ ئېرىم <قۇرجا>دىكى ساۋ ئائىلىسىنىڭ ئەۋلادى. ساۋ ئائىلىسىگە ياتلىق بولغاندىن كېيىن، مەن دائىم چوڭلاردىن <قۇرجا>لارنىڭ شىنجاڭغا كەلگەن كەچۈرمىشى، قىزىل تاش بازىرىنىڭ تارىخى ھەمدە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلايتتىم.» لى خۇڭشيۇ مۇنداق دېدى: «قۇرجا»لارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۈچ - تۆت مىللەتتىن تەركىب تاپقانلىقىدەك ئەھۋاللار ھەممىلا يەردە ئۇچراپ تۇرىدۇ، كونا «قۇرجا»لارنىڭ ھەممىسى قازاقچە سۆزلىيەلەيدۇ. كۆپچىلىك بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، مېھىر - مۇھەببىتى چوڭقۇر.

بۇ تارىخقا تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، 2012 - يىلى، لى خۇڭشيۇ ئائىلىسىنىڭ يول بويىدىكى ئۆيىنى بوشىتىپ «قۇرجا» خەلق ئۆرپ - ئادىتى كۆرگەزمىخانىسى قۇرۇپ، ئۆزى يىغىپ ساقلىغان كونا بۇيۇملارنى كۆرگەزمە قىلدى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئېگەر، كونا يىپ ئېگىرىش چاقى، دەزمال قاتارلىقلار بار ئىدى.

2013 - يىلى، كۆرگەزمىخانىدىكى بۇيۇملارنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، قىزىل تاش بازارلىق ھۆكۈمەت 200 مىڭ يۈەن خەجلەپ بازار مەركىزىگە يېڭى كۆرگەزمە سارىيى سالدى. كۆرگەزمە سارىيى ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى، لى خۇڭشيۇ ھەم باشقۇرغۇچى، ھەم چۈشەندۈرگۈچى بولدى.

«مۇقىم چۈشەندۈرۈش سۆزى يوق، كاللامدىكىسى پۈتۈنلەي ھەقىقىي ھېكايىلەر، ئوخشاش بولمىغان ياش، ئوخشاش بولمىغان كەسىپتىكى ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە ئاساسەن، ئۇلارنى جەلپ قىلالايدىغان ھېكايىلەرنى قاراتمىلىق ھالدا سۆزلەپ بېرىمەن» دېدى لى خۇڭشيۇ.

2017 - يىلى، كۆرگەزمە سارىيى ئەتراپىدىكى قولۇم - قوشنىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، لى خۇڭشيۇ ئەتراپتىكى قوشنىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى، قوشنىلار ئۆز ھويلىلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇسلۇبى پۈتۈنلەي ئۆزگىچە بولغان ئائىلىۋى مېھمانخانا سالدى.

«بىز بىرقانچە ئائىلىلىك ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن، لېكىن بىر تاماق تىزىملىكىنى ئورتاق ئىشلىتىمىز، ساياھەتچىلەر بىر ئۈستەلدە ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى يېيەلەيدۇ» دېدى لى خۇڭشيۇ.

نەچچە ئون يىلدا، لى خۇڭشيۇ قوشنىلىرى بىلەن ئىناق بىللە ئۆتتى، ئۆزئارا ياردەمدە بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيەتلىرىگە قىزغىن قاتناشتى، 2012 - يىلى شۇ جايدىكى «مېھرىبان ئانىلار» كوللېكتىپىگە ئەزا بولۇپ، پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشكە قاتناشتى.

لى خۇڭشيۇ مۇنداق دېدى: «مېھىر - مۇھەببەت، ھەمبەھرىلىنىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش دەل <قۇرجا>لارنىڭ ھاياتلىق ئەقىل - پاراسىتى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ چىن مەنىسى، بىز ئۆزئارا ياردەملىشىپ دوستانە ئۆتىدىغان چوڭ ئائىلە».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.