تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى باش تېما باغچىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى باش تېما باغچىسىنىڭ يوپۇقى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ باغچىسى(شۇيتاشەن)دىكى «يىپاۋ چېڭگۇڭ» مەيدانىدا ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، شۇ كۈنى مول مەزمۇنلۇق ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى نەق مەيدان تەشۋىقات - تەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق جايلار «ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشنىڭ ئون يىللىقى» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى باش تېما باغچىسىنى ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

ئۈرۈمچى ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى باش تېما باغچىسى «مۇھىتقا سىڭىشىش، كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇش، ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش» ئىدىيەسى بويىچە لايىھەلەنگەن ۋە قۇرۇلغان بولۇپ، «يىپاۋ چېڭگۇڭ» مەيدانى، دۆلەت مۇداپىئە ئورمىنى، ياشلار ئورمىنىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئامىللىرىنى تەشۋىقات پىلاكاتلىرى، بەلگە تاختىسى ۋە تۈرلۈك شەكىللەرگە سىڭدۈرىدۇ، ئاسما يول، مەيدانلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئاممىنىڭ كارتون رەسىم ئەسەرلىرى، تارىخىي مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرى ئارام ئېلىش، مەنزىرە تاماشا قىلىش بىلەن بىللە، يەنە دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلىملىرى ئۈن - تۈنسىز تەسىر كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىدۇ.

شۇ كۈنى، شۇيتاشەندە ئىللىق قۇياش ۋە مەيىن شامال چىقىپ، قۇشلار سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇراتتى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى سەھەردىلا بۇ يەرگە كېلىپ، ئورمانلىقتا ئارام ئېلىپ سەيلە قىلدى. «بىر تەرەپتىن باھار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانغاچ دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋالدىم، بۇ خىل شەكىل ناھايىتى ياخشى ئىكەن. كېيىن مەن نەۋرەمنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرىمەن» دېدى شەھەر ئاھالىسى ليۇ خۇي.

«يىپاۋ چېڭگۇڭ» مەيدانىغا دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلىملىرى تەشۋىقات كۆرگەزمە تاختىسى قويۇلغان بولۇپ، فېيشىڭچى ئويۇنىدا ئۆتكەلدىن ئۆتۈش، ئويما رەسىمدە نۇسخا چۈشۈرۈش، قېلىپتا گۈل بېسىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى باش تېمىسىدىكى كۇبىك قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق ئاممىۋى خاراكتېرلىك ھەمتۈرتكە بولۇش، ھېس قىلىش پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلدى.

«مەن ئادەتتە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دائىر خەۋەرلەرگە بەك دىققەت قىلىمەن، بۇ قېتىم بەش سوئالنىڭ ھەممىسىگە توغرا جاۋاب بەردىم!» دېدى شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ يۈكاڭ خۇشال ھالدا. ئۇ بايىلا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قانۇنى بويىچە كودنى سكاننېرلاپ جاۋاب بېرىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، خەتتاتلارنىڭ نەق مەيداندا يەلپۈگۈچ يۈزىگە يېزىپ بەرگەن بېغىشلىمىسىغا ئېرىشتى.

شەھەر ئاھالىسى ئالىيە مەمەت دوستلىرى بىلەن زو زۇڭتاڭ تاش ھەيكىلى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. «بايىلا مەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئارمىيە - خەلقنىڭ سىرتتىن كەلگەن تاجاۋۇزچىلارغا تاقابىل تۇرۇش، دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش تارىخىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ناھايىتى تەسىرلەندىم. بىز دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلىملىرىنى كۆپرەك ئۆگىنىپ، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىمىزنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدىشىمىز كېرەك» دېدى ئالىيە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.