ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى چوڭ ياشلىقلار ياردەم پۇلى تۈزۈمى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت چوڭ ياشتىكى ياشانغانلارغا قارىتا يولغا قويغان بىر خىل ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى. نۆۋەتتە، ئاقسۇ شەھىرىدە 1- پەسىلدە 4234 نەپەر ياشانغان كىشىگە 700 مىڭ 80 يۈەن چوڭ ياشلىقلار قوشۇمچە پۇلى تارقىتىلدى.
چوڭ ياشلىقلار ياردەم پۇلى پەسىلدە بىر قېتىم، يىلدا تۆت قېتىم تارقىتىلىدۇ، تەۋەلىكتىكى 80 ياشقا توشقان ياشانغانلار نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى يېزا- بازار (كوچا باشقارمىسى)دىلا ئىلتىماس قىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار ئالسا بولىدۇ. 80 ياشتىن 89 ياشقىچە بولغان ياشانغانلارغا ئېيىغا 50 يۈەن، 90 ياشتىن 99 ياشقىچە بولغان ياشانغانلارغا 120 يۈەن، 100 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارغا ئېيىغا 200 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئارزۇگۈل تۇراۋۇدۇن، رىزۋانگۈل ھىمىت)