تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

پوسكام: باھار كېلىپ شاپتۇللۇق باغدا دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئالدىراش بولدى شېرىن شاپتۇلدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سېلىندى

  4-ئاينىڭ 9-كۈنى، پوسكام ناھىيەسى كۈيباغ بازىرى سايتۈگمەن كەنتىدىكى توغاچلىقتا، دەرەخ شاخلىرىغا لىق تولغان چىرايلىق چېچەكلەردىن سۇس خۇش پۇراق تارقىلىپ تۇراتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۈيباغ بازىرى سايتۈگمەن كەنتى خاس باغ-ئورمانچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، ھازىر، پۈتۈن يېزا بويىچە مېۋىلىك دەرەخ تېرىلغۇ كۆلىمى 1400 مودىن ئاشتى، خاس تېرىقچىلىق باغۋەنلەرگە نەپ يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئاممىنىڭ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار شۈ خۇيمېي، ئابدۇرۇسۇل)

باغۋەنلەر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ شاپتۇل دەرىخىنى پەرۋىش قىلىپ، بۇ يىل مول ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سالماقتا.

باغۋەن توپىنى بوشىتىش بىلەن ئالدىراش بولماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.