تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭنىڭ يەتتە كۈندىكى سۈرەتلىرى (119) 丨دەل-دەرەخلەر كۆكىرىپ، گۈل-گىياھلار ئېچىلىپ، خۇش ھىدى باغنى قاپلىدى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسۈپ قۇشلار پەرۋاز قىلىدىغان 4-ئايدا گۈل-گىياھلار خۇش پۇراق چاچماقتا.

  4-ئاي، باھارنىڭ ئاۋات مەزگىلى بولۇپ، تەبىئەت خۇددى بىر پارچە رەڭگارەڭ يۆگىمە رەسىمگە ئوخشايدۇ، ھەممە جاي ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ.

  كورلىدا 10 مىڭ مو يەردىكى نەشپۈت بەس-بەستە چېچەكلىدى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ئارتىسلار ئۇسسۇل ئويناپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى، چوڭ بازاردا چىلان تورۇقلار مەيدانغا چىقىپ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى، ھەممە جاي شاد-خۇراملىققا چۆمدى.

  قارلىق تاغ ئاستىدا، تۈپ-تۈپ كۆكتات مايسىلىرى ئېتىزغا تىكىلدى؛ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدىن ھەر بىر يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرى نۇرغۇن ئائىلىگە يەتكۈزۈلدى؛ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئۈمىد نۇرى پارلىدى.

   مېھمانلارنى ئۇسسۇل ئويناپ كۈتۈۋېلىش

  4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرمەكتە. ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىغا كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەر كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى، قەدىمىي شەھەرنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىدا ئادەملەر مىغ-مىغ، ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

  قەدىمىي شەھەرنىڭ كېچە مەنزىرىسى

  تۈن پەردىسى ئاستىدىكى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە چىراغ نۇرلىرى چاقناپ، ھەممە يەر رەڭدار تۈسكە كىردى (4-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان). شۇ جاي 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، ھەر كۈنى سائەت 22دە باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى قەشقەر شۆبە مەيدانىنىڭ ئاساسىي سەھنىسىدە ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

  نەشپۈت چېچەكلىرى ئارىسىدا

   4-ئاينىڭ 13-كۈنى، ساياھەتچىلەر نەشپۈتزارلىقتا سەيلە قىلماقتا. شۇ كۈنى، كورلا 2024-يىللىق 8-نۆۋەتلىك نەشپۈت مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى ھەم نەشپۈت چېچىكى بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى. ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، كورلا شەھىرىدىكى 400 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى نەشپۈت چېچەكلىرى بەس-بەستە ئېچىلدى، ساياھەتچىلەر نەشپۈتزارلىقنى سەيلە قىلىپ، باھاردىكى گۈزەل مىنۇتلاردىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ لىخۇا فوتوسى

  چىلان تورۇقنىڭ سالام بېرىشى

     4-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا ئۆتكۈزۈلگەن بازار ئېچىش مۇراسىمىدا، چىلان تورۇق كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىقى ئىچىدە نامايان بولدى ھەمدە ساياھەتچىلەرگە سالام بېرىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، ئارقىدىن مەيداننى سەييارە ئايلىنىپ، ساياھەتچىلەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرنى تاماشا قىلىشقا، سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈ فوتوسى

  قوچقار سوقۇشتۇرۇش ئويۇنى

  4-ئاينىڭ 13-كۈنى، دېھقانلار قوچقار سوقۇشتۇرۇش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا. شۇ كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ 2024-يىللىق 6-نۆۋەتلىك يېزا-كەنت مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى ئارال بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئوغلاق تارتىشىش، خوراز سوقۇشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق مول، رەڭدار مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى. يەن شوۋلىن فوتوسى

  دېھقانلارغا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى

  4-ئاينىڭ 9-كۈنى، پىدائىيلار توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بەردى. شۇ كۈنى، سانجى شەھىرى ئاشىلى يېزىسى ئاشىلى كەنتى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، دەۋر مەدەنىيلىكى يېڭى ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇش» باش تېمىسىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، پىدائىيلار توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بەردى. لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى

 ئىللىق باھاردا مايسا كۆچۈرۈش

 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، بىڭتۇەن 2-شى 21-تۇەندىكى لازا تېرىغۇچىلار دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ ئېتىزدا مەشغۇلات قىلماقتا. تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، بىڭتۇەن 2-شىدىكى تېرىقچى ئائىلىلىرى دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ لازا مايسىلىرىنى كۆچۈرۈپ تىكتى، ئېتىز باشلىرىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى. بۇ يىل، 2-شى 203 مىڭ مو يەرگە لازا تېرىشنى پىلانلىدى. چېن ياڭ فوتوسى

  قاردا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش

  4-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئالتاي شەھىرى قاتناش ساقچىلىرى قاردا قاتناشقا قوماندانلىق قىلدى. شۇ كۈنى، كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە ئالتاي شەھىرى ۋە ئەتراپىدا قاتتىق يامغۇر ياغدى، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر، يامغۇر ئارىلاش قار ياغدى. پۈتۈن شەھەر قار-يامغۇر بىلەن قاپلىنىپ، خۇددى بىر پارچە سىياھ رەسىمگە ئوخشاپ قالدى. ئارداق بېيىسقان فوتوسى

  تەيچۈەنداۋ مۇسابىقىسىدە ئۇچرىشىش

  4-ئاينىڭ 13-كۈنى، كىچىك ماھىرلار تەيچۈەنداۋ مۇسابىقىسىدە. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى 18-نۆۋەتلىك «تەيچۈەنداۋ جەمئىيىتى لوڭقىسى» تەيچۈەنداۋ مۇسابىقىسى خۇڭسەن تەنتەربىيە سارىيىدا باشلاندى، ئۈرۈمچى شەھىرى، كۇيتۈن شەھىرى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 46 كوماندىدىكى 1100 تەيچۈەنداۋ ماھىرى مۇسابىقىگە قاتناشتى. مۇسابىقىدە تەيچۈەنداۋ سارىيى گۇرۇپپىسى ۋە مەكتەپ گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىندى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

  ​دەنشيا گۈزەل مەنزىرىسى

  4-ئاينىڭ 11-كۈنى، تۇرپان شەھىرى خويۈنگۇ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدىكى دەنشيا گۈزەل مەنزىرىسى. تۇرپان شەھىرى خويۈنگۇ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدىكى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان گۈزەل قىيا تاشلار، جىلغىلارنىڭ شەكلى ئاجايىپ-غارايىپ بولۇپ، كەڭ تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىسى خويۈنگۇ جىلغىسىنىڭ ھەيۋەتلىك دەنشيا دۇنياسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ليۇ جيەن فوتوسى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى سۈرەتلىك خەۋەر بۆلۈمى

   «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.