تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئۇچ كەنتىدە بىر كەمپۈت تاغا بار

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

  «كەمپۈت تاغا، سىز ماڭا سوۋغا قىلغان رەسىملەر توپلىمىدىكى رەسىملەرنىڭ ھەممىسىنى سىزىپ بولدۇم، قالتىسمىكەنمەن!»، «كەمپۈت تاغا، قويىمىز يۈتۈپ كەتتى، ئىزدىشىپ بەرسىڭىز بولامدۇ؟» ... ئاقچى ناھىيەسىنىڭ ئاقچى بازىرى ئۇچ كەنتىدە ماڭغىنىمىزدا، نۇرغۇن كىشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىن شېۋېي بىلەن سالاملاشتى.

  بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن چىن شېۋېي شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش ـ چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى چاتتىتېرەك چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى، گەرچە ئۇنىڭ يېشى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن تەۋەلىكىدىكى چوڭ ياشتىكى ياشانغانلار، كىچىك بالىلار، مەكتەپ بالىلىرى ئۇنى يېقىن كۆرۈپ «كەمپۈت تاغا» دەپ چاقىرىدۇ.

  كەمپۈت تاغا دېگەن نام توغرىسىدا توختالغاندا، گەپنى بىر قېتىملىق ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

  2019 - يىلى، چىن شېۋېي قىسىمدىن چېكىنگەندىن كېيىن، چاتتىتېرەك چېگرا ساقچىخانىسىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، خەلق ساقچىسى بولدى. چاتتىتېرەك چېگرا ساقچىخانىسىغا قاراشلىق رايوندا ئۈچ كەنت، بىر مەھەللە بار، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپىنچىسى قىرغىز بولغاچقا، تىل ئۇقۇشماسلىق چىن شېۋېي دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلە بولدى.

  شۇ جايدىكى ئاھالىلەر بىلەن تېزدىن ئالاقە ئورنىتىش ئۈچۈن، چىن شېۋېي دائىم كەمپۈت ۋە رەسىملەر توپلىمىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرەتتى، كىچىك دوستلارنى كۆرگەندە ئۇلارغا كەمپۈت، كىتاب تارقىتىپ بېرەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ناھايىتى تېزلا يۇرتداشلار بىلەن تونۇشۇۋالدى.

  «ياخشىمۇسىز، مەن ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ساقچىسى، مەن ئائىلىگە كىرىپ زىيارەت قىلغىلى كەلدىم، يېقىندىن بۇيان ئائىلىڭىزدە بىرەر قىيىنچىلىق بارمۇ؟» بۇلتۇر 8 - ئايدا، چىن شېۋېي بىر ئاھالىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ زىيارەت قىلىپ، مومايدىن سوئال سورىغاندا، ئۇنىڭ قىز نەۋرىسى ئۇنىڭغا قارىتىپ بىر تال تاش ئاتتى.

  چىن شېۋېي ھاڭۋېقىپ قاراپ قالدى، لېكىن ئۇ خاپا بولماي يانچۇقىدىن بىر تال كەمپۈتنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا بەردى. ئائىلىگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، چىن شېۋېي سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، بۇ قىزنىڭ روھىي كېسەل ئىكەنلىكى، كىمنىلا كۆرسە تاش ئاتىدىغانلىقى، يۇرتداشلارنىڭ  ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدى.

  شۇنىڭدىن كېيىن، چىن شېۋېي بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى، ئىشى يوق چاغلاردا موماي ۋە ئۇنىڭ نەۋرىسىنى يوقلاپ تۇردى. ئۇدا بىر نەچچە كۈن، قىزچاق ئۇنى كۆرسىلا تاش ئاتتى، چىن شېۋېيمۇ خاپا بولمىدى، ھەر قېتىم كەمپۈت بىلەن «جاۋاب» قايتۇردى، بارا-بارا بۇ ئىش ئىككىسى ئارىسىدىكى كىچىك ئويۇنغا ئايلاندى.

  بىر مەزگىلدىن كېيىن، قىزچاق ئاخىرى ئۇنىڭغا تاش ئاتمايدىغان بولدى. چىن شېۋېي ئۇنىڭغا نۇرغۇن رەسىملەر توپلىمى ئېلىپ بەردى، قىزچاق بارا - بارا چىن شېۋېي بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى.

  چىن شېۋېي بىلەن كىچىك قىزنىڭ ھېكايىسى ناھايىتى تېزلا تارقىلىپ كەتتى، يۇرتداشلار ئۇنىڭغا «كەمپۈت تاغا» دەپ ئىسىم قويۇپ قويدى.

  «كەمپۈت تاغام بۈگۈن مېنى كۆرگىلى كېلىدۇ، ئۇ بۈگۈن كېلىمەن دېگەن.» 4 -ئاينىڭ بىر كۈنى، 78 ياشلىق جىپارقان توختالى توختىماي ئۇنىڭ گېپىنى قىلدى. بۇ يىل 1 - ئايدىن 3 - ئايغىچە چىن شېۋېي تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتى، جىپارقان چىن شېۋېينى كۆرمىگىلى ئۇزاق بولغاچقا، ھەر كۈنى كۈن ساناپ چىن شېۋېينىڭ ئۆيىگە كېلىشىنى كۈتتى.

  2022 - يىلى 9 - ئايدا، جىپارقان كۆز گۆھىرىگە چۈشكەن ئاقنى ئالدۇرۇۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇردى، چىن شېۋېي بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بىرىنچى بولۇپ كۆز دورىسى قاتارلىق بۇيۇملارنى ئەكىلىپ بەردى، كېيىن بىر مەزگىلگىچە جىپارقاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، موماينىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى سورىدى، يەنە ئۆيدىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ يېتەرلىك ياكى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇردى.

  چىن شېۋېي مەسئۇل بولغان ئۇچ كەنتىدە جەمئىي 512 ئائىلىلىك، 1788 نوپۇس بار بولۇپ، كەنتتىكى ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى سىرتتا ئىشلەيتتى، ئۆيدە قالغان ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلار ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ غېمى ئىدى. «ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى يىل بويى سىرتتا يۈرىدۇ، ئادەتتە تۇرمۇشتا ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇشتىن خالىي بولالمايدۇ، مەن ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلسام دەيمەن» دېدى چىن شېۋېي.

  ئۇچ كەنتىدە قوي ـ كالىلار يۈتۈپ كەتسە، چارۋىچىلار كەمپۈت تاغىغا تېلېفون قىلىدۇ؛ ئۆيلىرىدە توك، سۇ توختاپ قالسا، دەرھال كەمپۈت تاغىنى ياردەمگە چاقىرىدۇ ... كەمپۈت تاغىنىڭ نامى بارغانسېرى يىراقلارغا تارقالدى، بۇنىڭ بىلەن چىن شېۋېيمۇ بارغانسېرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  «كىچىك مۇزدۇك مەنزىرە رايونى يول بۆلىكىدە پىكاپ ئۆرۈلۈپ كېتىپ، بىز ئاپتوموبىلدا قاپسىلىپ قالدۇق!» بىر كۈنى كېچىدە، چىن شېۋېي ئارام ئېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئاممىنىڭ ساقچىغا ئەھۋال مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇ دەرھال ئىككى ياردەمچى ساقچىنى باشلاپ قۇتقۇزۇش قوراللىرىنى ئېلىپ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا باردى.

  «تۇرسۇنباي، سەن بولقا بىلەن ياردەمچى شوپۇر ئورنىنىڭ ئەينىكىنى ئۇرۇپ چېقىۋەت ... » ئالتە سائەتتىن ئارتۇق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، قاتناش ۋەقەسى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىندى، شوپۇر يېنىك يارىلانغاندىن سىرت، باشقىلار ھېچنىمە بولمىدى.

  «ئادەمگە بىرەر ئىش بولمىغان بولسىلا بولدى، سىلەر ئازراق بىر نەرسە يەۋېلىڭلار، پەلتويۇمنى كىيىۋېلىڭلار، بۇ يول خەتەرلىك، كېلەر قېتىم چوقۇم ئاستىراق ھەيدەڭ.» دەپ تاپىلىدى چىن شېۋېي.

  كىچىك مۇزدۇك مەنزىرە رايونى ئاقچى ناھىيەسىدىكى بىر ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ، ھەر يىلى يازدا نۇرغۇن كىشى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىدۇ، تۈرلۈك قاتناش ۋەقەلىرىمۇ پات - پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. چىن شېۋېي ھادىسە كۆپ يۈز بېرىدىغان يول بۆلىكىگە مەخسۇس ئەسكەرتىش تاختىسى تىكلەپ، ئۈستىگە: «كەمپۈت تاغا بەك تاتلىق، قۇتقۇزۇپ-ياردەم بېرىپلا قالماي بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىدۇ» دەپ يېزىپ ئۆزىنىڭ ئالاقىلىىش ئۇسۇلىنى تاختىغا يېزىپ قويدى. نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق چىن شېۋېي بىلەن ئالاقىلاشتى.

  «تەۋەلىكتە يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئىشلار كىچىك ئىشلار، لېكىن بۇلار مېنىڭ قەلبىمدە چوڭ ئىش سانىلىدۇ. ئۇششاق ـ چۈششەك ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغاندىلا، تەۋەلىكتە ئىناقلىق بولىدۇ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كۆڭۈللۈك ئۆتىدۇ» دېدى چىن شېۋېي.

  «شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.