تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىت

يۈرۈڭ! سىزنى شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىغا ياۋايى ھايۋانلار ماكانىنى داكا قىلىشقا ئېلىپ باراي

4-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىدا، توپ-توپ تاغىل ئاتلار بىمالال ئاپتاپسىنماقتا.

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى گاۋشىن خەۋىرى، فوتوسى) ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى تېخىمۇ كۆپ ھايۋان قەپەستىن چىقىپ ھەرىكەت قىلىپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. 

   «ۋاھ! ئۇ ھايۋاناتلار پادىشاھى ئەمەسمۇ.» 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىدا، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ھۆججەتلىك فىلىمدە كۆرىدىغان ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنى يېقىن ئارىلىقتا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدى. 

   شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى داۋانچىڭ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەر مەركىزىگە 40 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 75 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. باغچا رايونىدا چۆللۈك، ئېدىرلىق، ئوتلاق، سۇلۇق يەر مەنزىرىسى ۋە بۇ يەردە ياشاشقا ماس كېلىدىغان ھەر خىل ياۋايى ھايۋانلارنى نامايان قىلىشقا ئاساس قىلىنىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن كۆڭۈل ئېچىش بىرلەشتۈرۈلگەن باغچا قۇرۇش ئۇسۇلى يولغا قويۇلۇپ، مول چۆللۈك ياۋايى ھايۋانات-ئۆسۈملۈك بايلىقى تولۇق نامايان قىلىنىدۇ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەتىۋارلىق ھايۋانلار قوغدىلىدۇ ۋە كۆپەيتىلىدۇ. 

    بۇ يەردە، كىشىلەر ئاز ئۇچرايدىغان ھايۋانلارنى يېقىن ئارىلىقتىن تاماشا قىلىپ، تەبىئەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ھايۋانلار ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن قانغۇچە بەھرىمەن بولۇپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرەلەيدۇ. 

4-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋانات باغچىسىدىكى تۆگىقۇش قىزىقىش بىلەن بېشىنى سوزۇپ قارىماقتا. 

4-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋانات باغچىسىدىكى سۈرلۈك شەرقىي شىمال يولۋىسى.

4-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋانات باغچىسىدىكى شىر ئۆتكۈر ئۇزۇن چىشلىرىنى كۆرسەتمەكتە. 

4-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ئىككى بۆرە. 

4-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى قارا ئېيىق «تاغدىن چۈشمەكتە». 

4-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسىدا، ساياھەتچىلەر كەركىداننى تاماشا قىلماقتا.

4-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ تىيانشان ياۋايى ھايۋانات باغچىسىدا بۇغا ھاۋانىڭ ياخشى ۋاقتىدا «يۇيۇنماقتا». 

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.