تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

دۆلەت گۆھىرى بىلەن «چىرايى ئوخشايدۇ»! شىنجاڭنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە قاتناشقان «مۈشۈكئېيىق قوي»لار چوڭ بولدى

 2 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى،

 «باھار جىلۋىسى − 2024 جياچېن ئەجدىھا يىلىدىكى شىنجاڭ باھار بايرىمىلىق ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئالاھىدە پىروگراممىسى»

شىنجاڭ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ قانىلىدا كۆرسىتىلدى.

ئارافات ۋە يامغۇر تامچىسى لىمون خور ئۆمىكىدىكى كىچىك ناخشىچىلار

سەھنىگە چىقىپ «تىيانشاندىكى ئەڭ گۈزەل گۈل» دېگەن ناخشىنى ئېيتقاندا،

تۆت كىچىك ناخشىچىنىڭ قۇچىقىدىكى قوزىلار

تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلدى.

ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەندە،

يامغۇر تامچىسى لىمون خور ئۆمىكىدىكى كىچىك ناخشىچىلار قۇچاقلىۋالغان قوزىلارنىڭ

 دۆلەت گۆھىرى مۆشۈكئېيىققا ئوخشايدىغانلىقنى بايقىغىلى بولاتتى

قوزىلارنىڭ بۇدرۇق ئاق بەدىنىگە ياراشقان قارا قۇلىقى، قارا كۆزى، قارا بۇرنى  ئىنتايىن ئوماق ئىدى.

بالىلار ئۇلارنى قۇچاقلاپ ناخشا ئېيتقاندا،

قوزىلار پات ـ پات تىپىرلاپ قوياتتى،

شوخ ناخشا بىلەن مۇشۇنداق قىزىقارلىق كۆرۈنۈش بىرلىشىپ،

تاماشىبىنلاردا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

   

ھازىر،

باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان بۇ «مۈشۈكئېيىق قوي»لار

چوڭ بولدى

   ئۇلار نوۋېشى قويى دەپ ئاتىلىدۇ، تۇرقى مۈشۈكئېيىققا بەكلا ئوخشىغاچقا، كىشىلەر ئۇلارنى «مۈشۈكئېيىق قوي» دەپ ئاتاشقا ئامراق. بۇ «مۈشۈكئېيىق قوي»لار قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سىتلى يېزىسى نور بېشى رايونىدىن چىقىدىغان بولۇپ، ئادەتتە يايلىتىپ بېقىلىدۇ. شورلۇق يەردە ئوت ـ چۆپ يەپ چوڭ بولغاچقا، ئۇلارنىڭ گۆشى يۇمران، غەيرىي پۇرىقى يوق، كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. نۆۋەتتە، ساپ نەسىللىك «مۈشۈكئېيىق قوي»نىڭ تۈر توپى سانى ئارانلا 27 مىڭ تۇياق بولۇپ، سانى ئىنتايىن ئاز. «مۈشۈكئېيىق قوي»نىڭ ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ بازار باھاسىنىڭ باشقا نەسىللىك قويلارنىڭكىدىن قىممەت بولۇشىنى بەلگىلىگەن، ھەربىر ساغلىقنىڭ باھاسى ئادەتتىكى قويلارنىڭكىدىن 300 يۈەندىن 400 يۈەنگىچە، ھەربىر قوچقارنىڭ باھاسى 500 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە قىممەت، بۈگۈنكى كۈندە، شۇ جايدىكى بارغانسېرى كۆپ دېھقان ـ چارۋىچى ئۇلارنى بېقىشقا باشلىدى.

«مۈشۈكئېيىق قوي» (ماتېرىيال سۈرەت). جاۋ جىڭ فوتوسى

 يېقىندا، بۇ «بايلىق مەنبەسى»نى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن

يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سىتلى يېزىسىدا ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ئارقا ـ ئارقىدىن «تەدبىر» قوللاندى،

باقمىچىلىق كارخانىلىرى 2 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ

دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن «ھەممە ئائىلە مۈشۈكېيىق قوي بېقىش» كېلىشىمى ئىمزالاپ،

تور «ئېقىم مىقدارى» ئارقىلىق يېزا ـ كەنت تەرەققىياتىنىڭ «ئېشىش مىقدارى»نى ئۇرغۇتۇپ،

كەسىپ تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى.

 قەشقەر تيەنيۈەن خېڭتەي دېھقانچىلىق ـ چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى يېڭىسار ناھىيەسى سىتلى يېزىسى نور بېشى بىنام كەنتىدىكى باقمىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى ھەم ۋىۋىسكا ئاستى. مەنبەسى: يېڭىسار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 ھۆكۈمەت سەھنە ھازىرلاش، كارخانىلار ئىتتىپاقداش بولۇش ئارقىلىق،

باقمىچىلارنىڭ

مەبلەغ، سېتىش، تېخنىكا مۇلازىمىتى قاتارلىق مەسىلىلىرى ھەقىقىي ھەل قىلىندى،

دېھقانلار بىلەن كارخانىلارنىڭ مەنپەئەتى زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ،

ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ،

«مۈشۈكېيىق قوي» كەسپىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇندى. 

   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى ۋىيشىن سۇپىسى، ئۇنىۋېرسال ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى، يېڭىسار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.