تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كىچىككىنە گىلاس يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىنى جۇلالاندۇردى

    مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى تورى، ئونسۇ ناھىيەسى، 4-ئاينىڭ 15-كۈنى خەۋىرى (مۇخبىر جياڭ رۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى يانەن خەۋەر قىلىدۇ) 4-ئايدا ئىللىق باھار شامىلى چىقىپ، قىزىل گىلاسلار شاخلارغا لىق تولدى، يېقىندا شىنجاڭ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بازىرى پاقىلىق كەنتىدىكى بىڭشۆ مىسۈييۈەن مېۋىچىلىك ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسىنىڭ پارنىكلىرىدا گىلاس شاخلىرى قىزىل گىلاسلار بىلەن تولغان بولۇپ، توپ-توپ بولۇپ ئۆسكەن، دانىسى تولغان، پوستى سىلىق بولغان يوغان ھەم قىزىل گىلاسلار كىشىگە مول ھوسۇلدىن بىشارەت بېرىپ، شۇ جايدىكى باغۋەنلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشتىكى «ئالتۇن مېۋە»سىگە ئايلاندى.

تېرىقچى پارنىكتا گىلاس دەرىخىنى پەرۋىش قىلماقتا.  (مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى تورى تارقاتتى، لى يانەن فوتوسى)


    گىلاس پارنىكىدىكى يېشىل دەرەخزارلىقتا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قاتار ـ قاتار گىلاسلار كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى، ئۇلار توپ ـ توپ بولۇپ ئۆسكەن بولۇپ، رەڭگى ئوچۇق ئىدى، كۆزلەرنى قاماشتۇراتتى، يېشىل يوپۇرماق، قىزىل مېۋىلەر بىر ـ بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايتتى، گىلاس ئۆستۈرگۈچىلەر پارنىك ئىچىدە موكىدەك ئۆتۈشۈپ، گىلاس دەرەخلىرىنى پەرۋىش قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.   
 
    ئاقسۇ بىڭشۆ مىسۈييۈەن مېۋىچىلىك ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ رۇيخاۋ مۇنداق دېدى: «بىز بەش قېتىم ئۇچنى ئۈزۈش خىزمىتى ئېلىپ باردۇق، ھازىرقى پەرۋىش قىلىش-ئاسراش خىزمىتى ئاساسلىقى كۈندىلىك تېمپېراتۇرا، نەملىك بويىچە پەرۋىش قىلىش ۋە سۇغىرىش خىزمىتىدۇر».

پارنىكتا شاخلار قىزىل گىلاسلار بىلەن لىق تولدى.   (مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى تورى تارقاتتى، لى يانەن فوتوسى)


    ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئاقسۇ بىڭشۆ مىسۈيۈەن مېۋىچىلىك ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسىدا جەمئىي 570 گىلاس پارنىكى بار بولۇپ، بۇ يىل 100 پارنىكتىكى گىلاسلار پىشىپ بولغان، مۆلچەرلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا تۆكمە مېۋىلەش مەزگىلىگە كىرىدىكەن.
    «بازىدا جەمئىي ئۈچ خىل سورت تېرىلغان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا مېيزاۋ، بىرۇكس، ئېبا، ئەڭ بالدۇر بازارغا سېلىنغان بىرۇكسنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى پىشىش ۋاقتى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەتراپىدا بولىدۇ، كۆپ قىسمى 4-ئاينىڭ ئاخىرى ياكى ماي بايرىمى مەزگىلىدە پىشىدۇ، بۇ يىللىق ھوسۇلنىڭ 130 توننىدىن 150 توننا ئەتراپىدا بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە» دېدى ۋاڭ رۇيخاۋ.


 


«ئەتىيازدا مېۋىگە كىرىدىغان تۇنجى دەرەخ» گىلاس دەرىخىدىكى قىزىل گىلاسلار.   (مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى تورى تارقاتتى، لى يانەن فوتوسى)

    گىلاسنىڭ «ئەتىيازدا مېۋىگە كىرىدىغان تۇنجى دەرەخ» دېگەن چىرايلىق نامى بار، پارنىكتىكى گىلاسلار ئۈستى ئوچۇق يەردە ئۆستۈرۈلگەن گىلاسقا قارىغاندا بالدۇر بازارغا سېلىنغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بازىدا ئەلا سورت تاللاپ ئىشلىتىلىپ، ئۆستۈرۈش مەزگىلىدە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان مېۋىلىك دەرەخ پەرۋىش قىلىش سىستېمىسى يولغا قويۇلۇپ، بازىنىڭ ئۆزىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان يېشىل ئوغۇت ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلگەچكە، ئۆستۈرۈلگەن گىلاسلارنىڭ سۈپىتى ئەلا، تەمى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، بازاردا قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى.
    ھەر قېتىم گىلاس پىشقاندا، بازىمۇ گىلاس ئۈزۈشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋېلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ «يېڭىلىق»نى تېتىپ بېقىشقا جەلپ قىلىدۇ.
    ۋاڭ رۇيخاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بازا شىركەت + بازا + دېھقان ئائىلىسىدىن ئىبارەت تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللانغان بولۇپ، دېھقان ئائىلىلىرى شىركەتكە ھۆددىگە ئېلىش ھەققى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدىكەن، ئەمگەك كۈچىنى پاي قىلىپ قوشۇش ئارقىلىق، پارنىكتىن پايدا ئالغاندىن كېيىن، دېھقانلار بىلەن شىركەت ئورتاق تەقسىم قىلىدىكەن.
    نۆۋەتتە، گىلاسلار شۇ جاينىڭ مېۋە ـ چېۋە بازىرىدا سېتىلىپلا قالماي، يەنە شاڭخەي، جېجياڭ جياشىڭ قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى ئارقىلىق توردا سېتىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خېرىدارلارنى ئونسۇنىڭ گىلاسلىرىنى تېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ.
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسى چىلان، ياڭاق، ئالما، نەشپۈت قاتارلىق تۆت چوڭ خاس باغ-ئورمانچىلىقنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا، ئۆلچەملەشكەن يېزا ئىگىلىك بازىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېرىقچىلىقنى كۆلەملىشىش، ئۆلچەملىشىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش بىلەن بىللە، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى قوش ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە كۆپ پايدا ئېلىپ كەلدى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىلىك كۈچىگە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.