تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

مەملىكەت بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قومۇلدىن كەلگەن بۇ چۈشەندۈرگۈچىنىڭ قانداق سىرى بار

ما يۈننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «مۇزىي جەمئىيىتى لوڭقىسى» مەملىكەتلىك مۇزېي چۈشەندۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسىدىن كۆرۈنۈش.

ما يۈن تەمىنلىگەن

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ مېي 

  «1880-يىلى 5-ئايدا، 69 ياشلىق زو زۇڭتاڭ <ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي، ئۇلۇغۋار ئىرادىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، چېگرا رايوننى قايتۇرۇۋېلىشقا ئاتلىنىپ، جاپا-مۇشەققەتلەردىن قورقماي، جۇشقۇن، كۈتۈرەڭگۈ روھنى ئورغۇتۇپ> تولۇپ تاشقان مەردانە ھېسسىيات بىلەن گۇەنسىيىنى ئېلىپ شىنجاڭغا كىرىپ قومۇلغا ئورۇنلاشقان. مانا بۇ تارىختىكى مەشھۇر زو زۇڭتاڭنىڭ <گۇەنسىيىنى ئېلىپ شىنجاڭغا كىرىشى> ...» يېقىندا تۇنجى نۆۋەتلىك «مۇزىي جەمئىيىتى لوڭقىسى» مەملىكەتلىك مۇزېي چۈشەندۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە مەيدانىدا، قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-مۇزېي ئورنىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى ما يۈن كۆزنى چاقنىتىدىغان ئەتلەس چىپاۋ كىيىپ، زو زۇڭتاڭنىڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى جانلىق سۆزلەپ، نۇرغۇن ئاڭلىغۇچىنى تەسىرلەندۈردى. كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق ما يۈن ئاخىرى مۇسابىقىدە كەسپىي چۈشەندۈرگۈچىلەر گۇرۇپپىسى بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ما يۈن تۇنجى نۆۋەتلىك «مۇزىي جەمئىيىتى لوڭقىسى» مەملىكەتلىك مۇزېي چۈشەندۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى نەق مەيدانىدا.

ما يۈن تەمىنلىگەن

  95-يىللاردا تۇغۇلغان ما يۈننىڭ قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-مۇزېيى يۇرتىغا كېلىپ خىزمەت قىلغىنىغا تۆت يىل بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن چوڭ-كىچىك مۇسابىقىلەرگە نەچچە ئون قېتىم قاتناشقان ھەم توققۇز قېتىملىق مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «ھەر قېتىم مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا، مەن يېتەرسىز تەرەپلىرىمنى يەكۈنلەپ چىقىمەن». ما يۈن مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەن ئالايىتەن نۇرغۇن مۇنەۋۋەر چۈشەندۈرگۈچىنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە ئالدىم، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگىنىپ، كېلەر قېتىم ئىقتىدارىمنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرسام دەيمەن».

  ما يۈن داشۆدە رادىيو-تېلېۋىزىيە كەسپىدە ئوقۇغان، ئۇ ئەسلىدە تاراتقۇ سېپىدە ئىشلەيتتى، تارىخنى ياخشى كۆرگەچكە، تۆت يىل ئىلگىرى كەسپىنى ئۆزگەرتىپ، قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-مۇزىي يۇرتىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى بولدى. «دەسلەپتە چۈشەندۈرۈش سۆزىنى يادلىۋالساملا، بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەنلا مەڭگۈ راھەت كۆرەلەيمەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن. بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كېيىن، بۇ خىزمەتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.» ما يۈن مۇنداق دېدى: چۈنكى ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئىچىدە ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەنلەر، ئادەتتىكى ساياھەتچىلەر، تارىخىي مەدەنىيەت ھەۋەسكارلىرىمۇ بار، ھەتتا مۇتەخەسسىس، ئالىملارمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ، «چۈشەندۈرۈش سۆزىنى يادلاش بىلەنلا ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولمايدۇ، چۈشەندۈرگۈچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بىزدە چوقۇم <بىر چېلەك سۇ> بولۇشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە <بىر ئىستاكان سۇ> سۇنالايمىز.» يېتەرسىزلىكىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، ئۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بىلىمىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ، ئامال قىلىپ «بىر چېلەك سۇ»نى توشقۇزۇشقا تىرىشتى.

ما يۈن تۇنجى نۆۋەتلىك «مۇزىي جەمئىيىتى لوڭقىسى» مەملىكەتلىك مۇزېي چۈشەندۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى نەق مەيدانىدا.

ما يۈن تەمىنلىگەن

    بىر ئاي ئىلگىرى، دەسلەپكى مۇسابىقە، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن كېيىن، ما يۈن مەملىكەتلىك مۇزېي چۈشەندۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالدى. «ئىدارە ناھايىتى تېزلا ماڭا <زو زۇڭتاڭ ئابىدىسى - بىر بۆلەك ئائىلە-دۆلەت تارىخى>دىن ئىبارەت بۇ تېمىنى تاللاپ بەردى. ما يۈن مۇنداق دېدى: بۇ تېما مۇكاپاتلىنىشىمدىكى مۇھىم ئاچقۇچ بولۇپ قالدى، قومۇل زو زۇڭتاڭنىڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئورۇن، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى مۇھىم جاي. بۇ تېما زو زۇڭتاڭنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، قومۇل شەھىرىنىڭ زو زۇڭتاڭ مەدەنىيىتى قومۇل ماركىسىنى يارىتىشىغا كۈچ قوشۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىك رول ئوينىدى».

    ما يۈن چۈشەندۈرۈش باش تېمىسىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، دەرھال مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش ھالىتىگە كىردى. «كىيىم-كېچەك تاللاشمۇ مۇھىم ھالقا.» ئۇ مۇنداق دېدى: خىزمەت فورمىسى ۋە كۆينەك شىنجاڭلىق ماھىرلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرەلمەيدۇ، نۇرغۇن رىياسەتچى ۋە مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلاردىن مەسلىھەت سورىغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىگە ئەتلەس چىپاۋ زاكاز قىلدى. 

ما يۈن قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-مۇزېي يۇرتى كۆرگەزمە زالىدا ئوقۇغۇچىلارغا مۇزىيغا قويۇلغان بۇيۇملارنى چۈشەندۈرمەكتە.

ما يۈن تەمىنلىگەن

    كىيىم-كېچەك مەسىلىسى ھەل بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئەمدى چۈشەندۈرۈش سۆزىنى تېز ئىگىلىشى كېرەك ئىدى. «خىزمەتدىشىم ماڭا 40 بەتلىك ھۆججەت-ماتېرىيال تېپىپ بەردى، مەن يەنە زو زۇڭتاڭغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم، سەھنە تىياتىرى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي كۆردۈم.» بىر ئاي مەشىق قىلىش ۋە تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇ زو زۇڭتاڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش-ئىزلىرىنى پىششىق ئىگىلىدى.

    مۇسابىقە باشلىنىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن، قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى-مۇزېي يۇرتى ما يۈن ئۈچۈن بىر قېتىملىق مۇسابىقە رېپېتىتسىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى. «چۈشەندۈرۈش رېپېتىتسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەر مېنىڭ چۈشەندۈرۈشۈمنى <شۇنچىلىك ئەستايىدىل تەييارلىنىپتۇ، لېكىن ئىشەنچ يېتەرلىك ئەمەس>، ئازادىلىك كەمچىل دەپ كۆرسىتىپ بەردى.» ما يۈن كېيىن خۇلاسىلەپ تەھلىل قىلىپ، چۈشەندۈرۈشۈم تازا پىششىق، دەل جايىدا بولماپتۇ، دەپ قارىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە سىن ئالدىدا قايتا-قايتا مەشىق قىلىپ، ئاخىرى ئاشۇ خىل ئازادىلىك تۇيغۇسىنى تاپتى.

    دەسلەپتە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا چۈشەندۈرگەندە جىددىيلىشىپ تىترەپ كەتكەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە مۇسابىقە مەيدانىدا تەمكىن تۇرالايدىغان بولدى، ما يۈننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ھاسىلاتى شۇكى، ئۇزاق مۇددەت ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن ھەم ئۆگىنىش جەريانىدىن خۇشاللىق ۋە ئىشەنچ تاپقان، «مەن داۋاملىق تارىخىي مەدەنىيەتنىڭ قوغدىغۇچىسى ۋە تارقاتقۇچىسى بولۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ھەربىر ھېكايىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى مۇزېيغا كىرىشكە جەلپ قىلىپ، ئۇلارغا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.