تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

دىققەت! شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ئېچىش ۋاقتىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ باردى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى ئېچىش ۋاقتىنى تەڭشىدى، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا ئېچىلىپ، چۈشتىن كېيىن سائەت 7دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە تاقىلىدۇ، كۇتۇپخانىنىڭ 1-قەۋىتىدىكى كىتاب ئوقۇش رايونىنىڭ ۋاقىتنى ئۇزارتىپ مۇلازىمەت قىلىش ۋاقتى كەچ سائەت 10غىچە بولىدۇ.

  شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ئاممىۋى كۇتۇپخانىنىڭ مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى ئېچىش ۋاقتىنى تەڭشەيدۇ، كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش تۆۋەندىكىچە:

  4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە، ئېچىلىش ۋاقتى: سائەت 10:00دىن سائەت 19:30غىچە، ۋاقىتنى ئۇزارتىپ مۇلازىمەت قىلىش ۋاقتى: سائەت 19:30دىن 22:00گىچە.

  قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئېچىلىش ۋاقتى: سائەت 10:30دىن سائەت 19:30غىچە؛

  كىتاب ئوقۇش ئۆيىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى: سائەت 10:00دىن سائەت 23:00كىچە.

  ھەر دۈشەنبە كۈنى كۇتۇپخانا تاقىلىدۇ، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

  ۋاقىتنى ئۇزارتىپ مۇلازىمەت قىلىش رايونى: كۇتۇپخانىنىڭ 1-قەۋىتىدىكى كىتاب ئوقۇش رايونى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.