تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

خىزمەت ئارقىلىق كەلگۈسىگە يۈزلىنىش مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن بۇقېتىمقى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا 310 كارخانا 9132 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې لۇڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى) 4- ئاينىڭ 14- كۈنى، «خىزمەت ئارقىلىق كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، ھۈنەر ئارقىلىق ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى 2024- يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئەتىياز پەسىللىك ئۇنىۋېرسال خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىدە ئۆتكۈزۈلدى.

4- ئاينىڭ 14- كۈنى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىدە،  خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار كارخانىلارنىڭ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئەستايىدىل كۆرمەكتە.

    خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا، ئادەم مىغ- مىغ ئىدى. ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار قىسقىچە تەرجىمىھالىنى قولىدا ئېلىپ يۈرۈپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئىش ئورنىنى ئىزدىدى؛ ھەر قايسى كارخانا ۋەكىللىرىمۇ كارخانىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇشىنى توختىماي تارقىتىپ، ئارزۇسى بار ئوقۇغۇچىلارغا كارخانىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

4- ئاينىڭ 14- كۈنى شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىدە، خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار كارخانىلارنىڭ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئەستايىدىل كۆرمەكتە.

   بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسپلەر رايونى شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىدە تەسىس قىلىنغان «شىنجاڭدا خىزمەت قىلىش» ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتىغا بىرلىكتە تايىنىپ تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان.

4- ئاينىڭ 14- كۈنى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىدە، تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى ئۆزى لايىق كۆرگەن بىر كارخانا ئورنىدا ئالاقىلىشىش ئۇچۇرىنى تولدۇرماقتا.

   ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈندىكى مەكتەپتىكى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى ۋە چوڭ، ئوتتۇرا پۇقراۋى كارخانىلاردىن جەمئىي 310ى قاتنىشىپ، 9132 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن. خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ۋە ئوقۇۋاتقان 3500دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى كارخانىلار بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا جەلپ قىلغان، نەق مەيداندا دەسلەپكى قەدەمدە مۇددىئا ھاسىل قىلغان ئوقۇغۇچى 1521گە يەتكەن. 2024- يىلى شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچى سانى 4677گە يېتىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. 

4- ئاينىڭ 14- كۈنى شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىدە، مەكتەپتە خىزمەتكە قوبۇل قىلىشقا قاتناشقان كارخانا ۋەكىلى (سولدا) بىر ئوقۇغۇچىغا كارخانىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرماقتا.

   بۇ يىل، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى بىلەن دائىملىق ئالاقىلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، «شىنجاڭدا خىزمەت قىلىش» ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتىنى تىرىشىپ قۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ھەر تەرەپلىمە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە مۇلازىمەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.