4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، شىنجاڭ تيەنيۈ ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تېخنىك خادىملىرى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاناكۆل يېزىسى ئالاغىر چاڭ كەنتىدىكى بۇغداي ئۇرۇقلۇقى يېتىشتۈرۈش بازىسىدا مايسىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆرمەكتە.
بۇ شىركەت پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك زىرائەت ئۇرۇقلۇقلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى 300 مىڭ موغا يەتكۈزدى، ھەر يىلى ئىشلەپچىقارغان تۈرلۈك زىرائەت ئۇرۇقلۇقلىرى 10 مىليون مودىن ئارتۇق دېھقانچىلىق ئېتىزىنى تەمىنلىيەلەيدۇ. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى