تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

توردا خىزمەت ئىزدىگەن ئايال 36 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالدامچىغا بېرىپ قويغىلى تاسلا قالدى

4- ئاينىڭ 8- كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرى ئا خانىمنىڭ ئالداپ كېتىلگەن 36 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى ئوڭۇشلۇق قايتۇرۇپ كەلدى، ئا خانىم بىر لەۋھە تەييارلاپ پەيزاۋات ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسىنىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىگە ئاپىرىپ رەھمىتىنى بىلدۈردى.

ئىختىيارىي مۇخبىر گاۋ كۈن فوتوسى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن جىن، ئىختىيارىي مۇخبىر گاۋ كۈن) توردا خىزمەت ئىزدىگەندە كۆزىنى يوغان ئېچىش، تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرىدىكى «يۇقىرى مائاش، ئازادە، ئاددىي» دېگەن سۆزلەرنى كۆرۈپ قايمۇقۇپ قالماسلىق كېرەك، بەلكىم بۇ ئىشچى قوبۇل قىلىشتىكى «قىلتاق» بولۇشى مۇمكىن. پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى ئا خانىم ئەسلىدە توردىن رازى بولغۇدەك خىزمەت تاپتىم دەپ ئويلىغان، ئويلىمىغان يەردىن بىر پۇڭمۇ تاپالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە 36 مىڭ يۈەن پۇلى ئالداپ كېتىلگەن.

  ئۇزاقتىن ئۆيدە ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئا خانىم خىزمەت تېپىپ پۇل تاپماقچى بولغان. 3- ئاينىڭ 31- كۈنى، ئۇ مەلۇم تور بېكىتىدە ئۆزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى يوللىغان. ناھايىتى تېزلا، ئۆزىنى «كادىرلار ئىشلىرى دىرېكتورى» دەپ ئاتىۋالغان بىر خادىم ئا خانىمنى ۋېيشىنغا قوشقان ھەم بىر تور ئادرېسى ئۇلانمىسىنى ئەۋەتىپ، خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن بىر APP يۇمشاق دېتالىنى چۈشۈرۈشنى ئېيتقان. ئارقىدىن بۇ خادىم ئا خانىمنىڭ ئاساسلىق خىزمەت مەزمۇنىنىڭ ئۆزىنىڭ ھېساباتىدىن پايدىلىنىپ تاۋار سېتىۋېلىپ زاكاز چۈشۈرۈش ئىكەنلىكىنى، كېيىن دىرىنى قايتۇرۇپ بېرىپ، شېرىنكانە تارقىتىدىغانلىقىنى، چۈشۈرگەن زاكازى قانچە كۆپ بولسا، ئېرىشىدىغان ھەقنىڭ شۇنچە كۆپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئا خانىم كۆپ قېتىم مەشغۇلات قىلغاندىن كېيىن ئازراق پايدىغا ئېرىشكەن. بۇ خادىم يەنە كۆپ سوممىلىق تاۋارغا شېرىنكانە قايتۇرۇشنى يەمچۈك قىلىپ، ئا خانىمغا مۇناسىپ سوممىنى تۆلەپ تۇرۇشنى ئېيتقان.

  ئا خانىم بۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىپ، قەدەممۇ قەدەم يېتەكلەشكە ئاساسەن ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ 36 مىڭ 203 يۈەن تۆلەپ تۇرغان، لېكىن «كادىرلار ئىشلىرى دىرېكتورى» ھەر قېتىم سانلىق مەلۇماتلار بىنورمال، ۋاقىت ئېشىپ كەتتى، سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتىمىز، قاتارلىق كاشىلىلارنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭدىن قايتا ھېساباتقا پۇل يۆتكەشنى تەلەپ قىلغان. ئا خانىم ئۆزىنىڭ بانكا كارتىسىدىكى پۇل ئامانەت قويۇش، پۇل ئېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ھەر بىر قېتىملىق پۇل يۆتكەشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى بايقاپ، بىردىنلا ئېسىنى تېپىپ، ئالدانغانلىقىنى بايقاپ، دەرھال گۇڭئەن ئورگىنىغا مەلۇم قىلغان.

  پەيزاۋات ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ خەلق ساقچىلىرى بىرىنچى ۋاقىتتا ئا خانىمنىڭ بانكا كارتىسىغا قارىتا پۇل تۆلەشنى جىددىي توختىتىش تەدبىرى قوللانغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئا خانىمغا تەسەللى بېرىپ، ئۇنىڭغا پۈتۈن كۈچى بىلەن پۇلنى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

  «سىلەرگە كۆپ رەھمەت، ماڭا ياردەم قىلىپ پۇلۇمنى قايتۇرۇپ كەلدىڭلار». 4- ئاينىڭ 8- كۈنى دېلو بېجىرگۈچى خەلق ساقچىلىرى دېلوغا چېتىشلىق بانكا ھېساباتىنى توڭلىتىش مەشغۇلاتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، مەبلەغنى قايتۇرۇش تەرتىپىنى يولغا قويۇپ، ئا خانىمنىڭ ئالداپ كېتىلگەن 36 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتۇرۇپ كەلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.