تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى | «مېھرىبان ئانا» يەنە كىچىك گۈلىگە سوۋغات ئېلىپ كەلدى

    «رىيانگۈل، ھېيىتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! تېز كېلىپ بۇ كىيىمنى سىناپ بېقىڭ، سىزگە پاتامدۇ-پاتمامدۇ؟» 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى غەربىي ئازادلىق يولىغا جايلاشقان خەيدۇ شىنيۈەن ئولتۇراق رايونىدا، ما تاۋ ھال سوراش بۇيۇملىرىنى كۆتۈرگىنىچە رىيانگۈل مەمەتنىڭ ئۆيىگە كىردى.

    «رەھمەت ھامما، سىزنىڭمۇ ھېيىتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن». رىيانگۈل ما تاۋنىڭ قولىدىكى سوۋغاتنى ئېلىپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان ئىسسىق سۇ قۇيۇپ بەردى، يەنە ساڭزا قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ چىقتى.

     ما تاۋ يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى شىچېڭ ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى، رىيانگۈل ئۇنىڭ بىلەن بىر مەھەللىدە تۇرىدۇ، ئۇ ئىككىسىنىڭ ھېكايىسىنى 2018-يىلىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

    يەنجىگە كېلىپ خىزمەت قىلىشتىن ئىلگىرى، ما تاۋ بىر ئائىلە كىشىلىرى خوشۇت ناھىيەسىدە تۇراتتى. 2018-يىلى، ما تاۋ يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى، يېڭى مۇھىت، يېڭى خىزمەت ئالدىدا، ئۇ قىزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى خوشۇتتا قالدۇرۇپ، ئۆزى يەنجىدىكى خەيدۇ شىنيۈەن ئولتۇراق رايونىدىن بىر يۈرۈش ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.

    ئىشقا بېرىش-كېلىشتە، ما تاۋ دائىم ئولتۇراق رايوندا ئۆزىنىڭ قىزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك تۆت-بەش ياشلىق بىر قىزچاقنى كۆرەتتى، قىزچاق كىمنى كۆرسە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالاملىشاتتى، ناھايىتى ئەدەپلىك ئىدى. پاراڭلىشىش جەريانىدا، ئۇ خىزمەتدىشىدىن بۇ قىزنىڭ ئىسمىنىڭ رىيانگۈل ئىكەنلىكىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، مۇقىم خىزمىتىنىڭمۇ يوقلۇقىنى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.

    «مەن ئۇلار ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمەن؟» ما تاۋ بۇ قىزچاقنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ قالدى ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم بېرىشنى ئويلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ما تاۋ دەم ئېلىپ خوشۇتقا قايتقاندا، قىزى كىيمىگەن يېڭى كىيىملىرىنى ئېلىپ كېلىپ رىيانگۈلگە ئەكىلىپ بەردى. قىزىغا كىيىم ئالغاندا رىيانگۈلگىمۇ بىر قۇر ئالدى. بارغانسېرى، ئىككى ئائىلدىكىلەر دېيىشمەيدىغان گېپى يوق تۇغقانلاردەك بولۇپ كەتتى.

     2019-يىلى، ما تاۋ قىزىنى خوشۇتتىن يەنجىگە ئېلىپ كەلدى، رىيانگۈل ما تاۋنىڭ قىزىدىن بىر ياش چوڭ بولۇپ، ئىككى بالا دائىم بىللە ئويناپ، ئۇلارمۇ بىر جۈپ ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى.

    رىيانگۈل باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ما تاۋ تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى، مەكتەپ فورمىسى سېتىۋېلىش، تاماق پۇلى تاپشۇرۇش، ئۆگىنىش بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلىش... ھەر قېتىم ئائىلىسى قىيىن مەسىلىگە يولۇققاندا، رىيانگۈلنىڭ ئاتا-ئانىسى ئېغىز ئاچماي تۇرۇپلا، ما تاۋ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلەتتى. ھېيت-بايراملاردا مەززىلىك تائاملارنى ئەتكەندە، رىيانگۈلنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ما تاۋنىڭ ئۆيىگە بىر كىشىلىك ئاپىرىپ بېرەتتى.

     بىلىپ-بىلمەي، ما تاۋنىڭ رىيانگۈل ئائىلىسىگە ياردەم قىلغىنىغا ئالتە يىل بولۇپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان رىيانگۈل پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى بولدى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ سىنىپىدىكى باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان «كىچىك چولپان» ئىدى، دوسكا سۈرتۈش، تازىلىق قىلىش، ساۋاقداشلىرىغا ياردەم بېرىش... ئۇنىڭ مىجەزى  ئوچۇق-يورۇق بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلىرى، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىنتايىن ئىجىل-ئىناق ئۆتەتتى.

    «ما تاۋ ھاممام ماڭا ناھايىتى كۆپ ياردەم قىلدى، مەنمۇ چوڭ بولغاندا ئۇنىڭغا ئوخشاش مېھرىبان ئادەم بولىمەن» دېدى رىيانگۈل.

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.