چېن زىيۈەن
2024-يىلى 4-ئاي 36-قېتىملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئېيى بولۇپ، مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى ئىشخانىسى «ساغلام شەھەر-بازار، ساغلام بەدەن ئېغىرلىقى» تېمىسىدىكى پائالىيەتنى قانات يايدۇردى. كوچا-بازارلاردىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ماي سېرىش يېمەكلىكلىرى بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلماقچى بولغان نۇرغۇن دوستلارنى جەلپ قىلماقتا، لېكىن ئۇلار ماينى سېرىدىغان بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئادەمنى سەمرىتىۋېتىپلا قالماي، ھەتتا كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن، خەلق تورى كۆپچىلىكنىڭ بۇ يالغان ماي سېرىش يېمەكلىكلىرىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شېنجېن شەھىرى لۇڭخۇا رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ليۇ شياۋجۈننى زىيارەت قىلدى.
«خەلق تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى