تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

5-ئاينىڭ 20-كۈنى قەشقەردىن يولغا چىقىدۇ! 2024-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسىگە تىزىملىتىش باشلاندى

   4-ئاينىڭ 10-كۈنى، 2024-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسىگە تىزىملىتىش يولى ئېچىلدى، تىزىملىتىش ۋاقتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە بولىدۇ.

   مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلار «جۇڭگو ئاپتوموبىل، موتسىكلىت تەنھەرىكىتى بىرلەشمىسى ھۆكۈمەت تور بېكىتى» (www.autosports.org.cn)نى ئىزدەپ تىزىملىتىش جەدۋىلىنى چۈشۈرۈپ تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى شەكلىدە يوللىسا ياكى تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى ھۆكۈمەت تور بېكىتى (www.atr123.com)گە چىقىپ، ئاپتوموبىل ماھىرى ئاپتوموبىل ئەترىتىگە تىزىملىتىش بېتىنى چېكىپ تىزىملاتسا بولىدۇ.

   4-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇخبىرنىڭ 2024-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2024-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ قەشقەر شەھىرىدە باشلىنىپ، قەشقەر مۇسابىقە رايونى، خوتەن مۇسابىقە رايونى، ئاقسۇ مۇسابىقە رايونىدىن ئۆتۈپ، 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاقسۇ شەھىرىدە ئاخىرلىشىدىكەن. 2024-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسى پىلانىدا ئون مۇسابىقە بۆلىكى (رەتكە تۇرغۇزۇش مۇسابىقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىسى 5000 كىلومېتىرغا يېقىنلىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە مۇسابىقە بۆلىكى تەخمىنەن 2500 كىلومېتىر بولۇپ، قۇملۇق، چۆللۈك، دەريا قىنى قاتارلىق تىپىك يەر شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قۇملۇق مۇسابىقە بۆلىكى %60نى ئىگىلەيدۇ.

   مۇسابىقىدە ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى T1 ( T1 + نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )، T5 ،T4 ،T3 ،T2 (يۈك ئاپتوموبىلى گۇرۇپپىسى) ۋە موتوسىكلىت گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت ئوخشاش بولمىغان ئالتە گۇرۇپپا تەسىس قىلىنغان. 2023-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسىدە، تۇنجى قېتىم T1 + گۇرۇپپىسى قوشۇلغان. بۇ گۇرۇپپىدىكى مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ئەسلىدىكى T1 تۆت چاقى سۆرەيدىغان مۇسابىقە ئاپتوموبىلىغا قارىغاندا، ئاپتوموبىل گەۋدىسى ۋە بالونى تېخىمۇ كەڭ، سىلكىنىشتىن ساقلىغۇچنىڭ مۇساپىسى تېخىمۇ ئۇزۇن، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، ئۆتۈشچانلىقى كۈچەيگەن. تىزىملاتقان سەككىز ئاپتوموبىلنىڭ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولغان.

   بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى، يۈك ئاپتوموبىلى گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان دۆلەت ئىچىدىكى ئاپتوموبىل ماھىرلىرى ۋە يول باشلىغۇچىلاردا، چوقۇم جۇڭگو ئاپتوموبىل، موتوسىكلىت تەنھەرىكىتى بىرلەشمىسى تارقاتقان 2024-يىللىق شۇ يىللىق دالا راللى مۇسابىقىسىنىڭ B دەرىجىلىك (شۇ دەرىجىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)تىن يۇقىرى كۈچكە ئىگە بولغان مۇسابىقە كىنىشكىسى بولۇشى كېرەك. ئىككى چاقلىق موتوسىكلىت گۇرۇپپىسى، ATV گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان ماھىرلار چوقۇم 18 ياشقا توشقان بولۇشى ھەمدە قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تارقاتقان موتوسىكلىت ھەيدەش كىنىشكىسى بولۇشى ھەمدە جۇڭگو ئاپتوموبىل، موتوسىكلىت بىرلەشمىسى تارقاتقان 2024-يىللىق موتوسىكلىت راللى A دەرىجىلىك مۇسابىقە كىنىشكىسى بولۇشى كېرەك.

   2024-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئالدىنقى باسقۇچتا، 2024-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى بىرلەشمە يول تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلاندى، قەشقەر لاگېرى، رەتكە تۇرغۇزۇش مۇسابىقىسى ۋە SS1 مۇسابىقە بۆلىكىنى تەكشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، يول تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ھازىر قەشقەرنىڭ مەكىت ناھىيەسى تەۋەسىگە كىرىپ، شۇ جايدىكى قۇملۇق مۇسابىقە بۆلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىپ لايىھەلەشنى باشلىدى.

   بۇ يىل، جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسىنىڭ 20 يىللىقى، 20 يىللىق چېنىقىش جەريانىدا پۈتۈن ئاسىيا بويىچە مۇسابىقىگە قاتناشقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ئاپتوموبىل ئەڭ كۆپ، مۇسابىقە يول ئارىلىقى ئەڭ ئۇزۇن مۇسابىقىگە ئايلاندى، ئومۇمىي مۇسابىقە مۇساپىسى 65 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى، مۇسابىقە ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيەتلىرى (لىنىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) جەمئىي 7 مىليارد ئادەم قېتىمغا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەرەققىي قىلىپ دۆلەت ئىچىدىكى ئاپتوموبىل، موتوسىكلىت، يۈك ئاپتوموبىلى قاتارلىق ماھارەت مۇسابىقىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ چوڭ دالا مۇسابىقىسىگە ئايلاندى.

   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى: چېن يەنفاڭ

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.