تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ دۆلەت كەسپىي ئۆلچىمى تەتقىق قىلىنىپ تۈزۈلىدۇ

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 4- ئاينىڭ 10- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەھەللە خىزمەتچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر»دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كەسپىي سەۋىيە بىلەن ئىش ئورنى دەرىجىسىنى جىپسىلاشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشقا تۈرتكە بولۇنىدۇ. مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ دۆلەت كەسپىي ئۆلچىمى تەتقىق قىلىپ تۈزۈلۈپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىقتىدار سەۋىيەسى ئىلمىي باھالىنىدۇ. مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ مەملىكەتلىك جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانىغا ۋە باھالاشقا قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىقتىدار سەۋىيەسى بىلەن ئالاقىدار كەسپىي ماھارەت دەرىجىسى قاتارلىقلارنى قوش يۆنىلىشلىك سېلىشتۇرۇپ بېكىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. پەلەمپەيسىمان تەرەققىي قىلغان، دەرىجىسى ئېنىق، ئىلمىي، مۇۋاپىق، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك بولغان مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىش ئورنى دەرىجە تەرتىپى كۈچەپ بەرپا قىلىنىدۇ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. مەھەللە خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىش ئورۇنلىرى تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ، ھەر بىر ئىش ئورنى ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتى، مەھەللىدە خىزمەت قىلغان يىل چېكى، كەسپىي سەۋىيەسى، ئوقۇش تارىخى قاتلىمى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بىر قانچە دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، ئىش ئورنى دەرىجىسى خىزمەت ئورنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى، مەھەللىدە خىزمەت قىلغان يىل چېكىنىڭ ئېشىشى، كەسپىي سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ مۇناسىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك ياكى شەھەر، ۋىلايەت دەرىجىلىك قاتلام بويىچە ئىش ئورنى دەرىجە تەرتىپى تەسىس قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئۆلكە ئىچىدە ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، ئۆلكە ئىچىدە يۆتكەلگەنلەرنىڭ مەھەللىدە خىزمەت قىلغان يىل چېكى يىغىپ ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.