تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

15- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە ۋاقتى بېكىتىلدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 4- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋاڭ خاۋمىڭ) 15- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2025- يىلى 11- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېندا ئۆتكۈزۈلىدۇ، گۇاڭجوۋ شەھىرى باشلىنىش مۇراسىمىنى، شېنجېن شەھىرى ئاياغلىشىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى، بۇنى مۇخبىر 4- ئاينىڭ 11- كۈنى ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىگەن. 

    سۈرەتنى مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى تەمىنلىگەن

    4- ئاينىڭ 11- كۈنى، 15- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى رەسمىي قۇرۇلدى، بۇ، مۇسابىقە تەييارلىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

    دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ماھارەت تەنتەربىيەسى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ شىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 15- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ماھارەت تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدە 34 چوڭ تۈر، 401 كىچىك تۈر تەسىس قىلىندى، ئاممىۋى مۇسابىقە پائالىيىتىدە 23 چوڭ تۈر، 166 كىچىك تۈر تەسىس قىلىندى. گۇاڭدۇڭ كۆپ قىسىم تۈردىكى مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى، شياڭگاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ 22 ياشتىن تۆۋەنلەر گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسى، مەيداندا ۋېلىسىپىت مىنىش، قىلىچۋازلىق، گولف توپ، ئەرلەر قول توپى، يەتتە كىشىلىك زەيتۇن توپ، تۆمۈر ئادەم ئۈچ تۈرى، ساھىل ۋالىبولى قاتارلىق ماھارەت تەنتەربىيە تۈرلىرى ھەمدە ئاممىۋى مۇسابىقە پائالىيەتلىرىدىن بوۋلىڭ توپى تۈرىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى؛ ئاۋمېن تىكتاك توپ، ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىنىڭ قۇرامىغا يەتكەنلەر گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسى، ئۈچ كىشىلىك ۋاسكېتبول، ئەرلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ 18 ياشتىن تۆۋەنلەر گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسى قاتارلىق ماھارەت تەنتەربىيە تۈرلىرى ۋە كۇڭشوۋداۋ تۈرىدىكى ئاممىۋى مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى. 15- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە تۈرلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان مەيدان- سارايلارنىڭ تەخمىنەن %90ى ھازىر بار مەيدان- سارايلار بولۇپ، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، مۇسابىقىنى تېجەشلىك ئۆتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 

    سۈرەتنى مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى تەمىنلىگەن

    پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.