تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىستىلى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، «ئوڭدا يېتىۋېلىش» قىلمىشى كۈچەپ تۈزىتىلىدۇ

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 4- ئاينىڭ 10- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەھەللە خىزمەتچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاھالىلەرگە، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئېڭى كۈچەيتىلىدۇ. ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىغا بەخت يارىتىش ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىنىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلىنىدۇ ۋە يېتەكلىنىدۇ، ھېسسىيات جەھەتتە ئاھالىلەرگە، ئاممىغا يېقىنلىشىپ، ھەرىكەتتە ئاھالىلەرگە، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ياش مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاممىۋى قارىشى ۋە ئاممىۋى ھېسسىياتى نۇقتىلىق كۈچەيتىلىدۇ. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇلۇپ ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ زىددىيەت، ماجىرالارنى پەسەيتىش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ، مېھىر - مۇھەببىتى بىلەن ياخشى ئىشلىشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، قوشنىلار ئىناق ئۆتىدىغان، مەھەللە ئىناق بولغان ياخشى كەيپىيات يارىتىلىدۇ. خىزمەت ئىستىلى سىجىل ياخشىلىنىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىش ئورنىنى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش روھى ئۇرغۇتۇلۇپ، «ئوڭدا يېتىۋېلىش» قىلمىشى كۈچەپ تۈزىتىلىپ، ئاھالىلەر، ئامما ئۈچۈن ئىش بېجىرگەندە قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەپ قويۇش، بىر- بىرىگە ئىتتىرىش، قۇرۇق تالاش- تارتىش قىلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.