ئىدارە خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرمىسا، خىزمەتچىلەر بېجىرىش ئاپپاراتىغا بېرىپ ئۆزلۈكىدىن تاپشۇرسا بولامدۇ؟
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى كېرەك، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى پۇلىنى ئورتاق تاپشۇرىدۇ.
ئىشچى- خىزمەتچىلەر تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىپ ۋاكالىتەن تاپشۇرىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى