تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش قاتارلىق ئىش تۈرلىرىنىڭ تەرتىپىنى ئىخچاملاشقا تۈرتكە بولىدۇ

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شۈ پېڭخاڭ، پېڭ يۈنجيا) مۇخبىرنىڭ 4- ئاينىڭ 11- كۈنى دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ 2024- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى دائىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى «يۇقىرى ئۈنۈمدە بىر ئىشنى بېجىرىش»تىن ئىبارەت 12 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىش تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىدىكەن، بۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار ئىش تۈرلىرىنىڭ شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇش، تەرتىپىنى ئىخچاملاش، مۇلازىمەت سۈرئىتىنى تېزلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

    دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فۇ چاۋچى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2024- يىلى 12 تۈرلۈك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ساھەسىدىكى «يۇقىرى ئۈنۈمدە بىر ئىشنى بېجىرىش»تىن ئىبارەت نۇقتىلىق ئىش تۈرلىرى ئىچىدە، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئامما سەككىز تۈر، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىر تۈر، تېببىي دورا كارخانىلىرى ئىككى تۈر، بەلگىلەنگەن داۋالاش- دورىگەرلىك ئاپپاراتلىرى بىر تۈر بويىچە نەپكە ئېرىشىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئۈچ جەھەتتىكى مەزمۇنغا چېتىلىدۇ:

    بىرىنچى، شەكىلنى ئەلالاشتۇرۇش. بۇ ئامما ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىدا داۋالىنىپ، دورا سېتىۋېلىپ ھەم داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كودىنى سايىلەپ ياكى چىراي تونۇتۇش ئارقىلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئىشچى- خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ھېساباتىدا ئائىلە بويىچە ئورتاق ئىشلىتىشنى توردا بىۋاسىتە بېجىرەلەيدۇ، كۆزنەككە بېرىپ بېجىرىش ھاجەتسىز؛ ئاممىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈشى تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ.

    ئىككىنچى، تەرتىپىنى ئىخچاملاش. ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش، بىرلىشىپ بېجىرىش ئارقىلىق، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشى ۋە تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىش، ئىشچى- خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار پېنسىيەگە چىققاندا، كارخانا ۋەيران بولغاندا ئۇچۇر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش قاتارلىقلارنى كۆپ تارماققا قاتراپ بېجىرىش ھاجەتسىز؛ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىيىنچىلىقى بار ئامما ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش ياردىمىدىن بىۋاسىتە بەھرىمەن بولالايدۇ، ئىلتىماس قىلىش ھاجەتسىز، ئاۋۋال پۇل غەملەپ ئاندىن ئاتچوت قىلىش ھاجەتسىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش ئامبۇلاتورىيەدىكى تېخىمۇ كۆپ ئالاھىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل تۈرلىرىگە كېڭەيتىلىپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان تېخىمۇ كۆپ ئامما باشقا جايدا بىۋاسىتە راسچوت قىلىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، پۇل تۆلەش بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ.

    ئۈچىنچى، مۇلازىمەت سۈرئىتىنى تېزلىتىش. ئامما پەرزەنت كۆرۈپ ھەم ئىلتىماس تاپشۇرغاندىن كېيىن، 10 خىزمەت كۈنى ئىچىدە تۇغۇت ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ؛ تېببىي دورا كارخانىلىرى ئىلتىماسنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، دورا كودىنى 10 خىزمەت كۈنى ئىچىدە تەكشۈرۈپ بولىدۇ؛ بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن داۋالىنىش خىراجىتىنى ۋاقتىدا راسچوت قىلىنىپ، مۇلازىمەت بېجىرىش ۋاقتى يەنىمۇ قىسقارتىلىدۇ.

    پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.