تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاقىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كۈچ قوشتى  قۇتۇبىدا 400 مىڭ مو كېۋەزلىككە ئۇرۇق سېلىندى

    4-ئاينىڭ 11-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى دافېڭ بازىرى ليەنفېڭ كەنتىدىكى كېۋەزلىكتە، بىر كېۋەز تېرىش ماشىنىسى بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ دەل ئورۇن بەلگىلىشى بىلەن، پۈتۈن مۇساپىدە ماشىنىلاشقان مەشغۇلات قىلىپ، ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى. بۇ يىل، قۇتۇبى ناھىيەسى 400 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىشنى پىلانلىدى، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر قايسى يېزا-بازارلار دېھقانلارنى دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ كېۋەز تېرىشقا پائال تەشكىللىدى. كېۋەز تېرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى يەنە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى ئەۋەتىپ، ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، كېۋەز تېرىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە مۇلازىمەت قىلدى.       (ئىختىيارىي مۇخبىر تاۋ ۋېيمىڭ

كېۋەز تېرىش ماشىنىسى مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا، تېرىقچىلىق ئائىلىسىدىكىلەر كەينىدە ئەگىشىپ تېرىش سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ماڭماقتا.

تېرىقچىلىق ئائىلىسىدىكىلەر ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىنىڭ ئوقۇرىغا ئورۇقلۇق چىگىت قاچىلىماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.