تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

ھەمكارلىق كوپىراتىپى شىنجاڭ سىرتىدىكى نۇرغۇن دورا كارخانىلىرىنىڭ تەمىنلەش سودىگىرىگە ئايلاندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىناي دەپ قالدى، 57 ياشلىق لى چېڭليەن بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «بۇ يىل قىلىدىغان ئىشلىرىمىز ناھايىتى كۆپ، بىز جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى داۋاملىق ياخشى تېرىپلا قالماي، يەنە دورا ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاش زاۋۇتىنى ياخشى باشقۇرمىساق بولمايدۇ» دېدى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، غۇلجا شەھىرىنىڭ پەنجىم بازىرى ئاقتۆپە كەنتىدە، ئەمدىلا ئېتىز بېشىدىن قايتىپ كەلگەن لى چېڭليەن ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقىدىكى لاي - توپىلارنى قېقىۋېتىپ.

لى چېڭليەن خېنەندىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا كەلگىلى 30 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، توققۇزتارا ناھىيەسى، تېكەس ناھىيەسى، قورغاس ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا سىر ئىشلەپچىقاردى، ساتتى. 2013 - يىلى، ئۇ سىر شىركىتىنى ئوغلىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ، يېزىغا بېرىپ يەر تېرىماقچى بولدى.

دەسلەپتە لى چېڭليەن غۇلجا شەھىرىنىڭ توغراق يېزىسىدا 20 مو يەرنى ئوبوروت قىلىپ چوغلۇق تېرىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى تېرىش باشقا زىرائەتلەرنى تېرىشقا قارىغاندا ئاددىي، تۇپراق تېرىشقا ماس كەلسە، ئېتىز پەرۋىشىنى ياخشى قىلساقلا، بولۇپمۇ ئېتىزنى دائىم ئوتاپ تۇرساقلا، دورا ئۆسۈملۈكلىرى ياخشى ئۆسىدۇ. لى چېڭليەن ئىشنى تەلەپچانلىق بىلەن ئەستايىدىل قىلىدۇ. بارا - بارا ئۇ تېرىغان يەر 20 مودىن 300 موغا كېڭەيدى، يەنە غۇلجا شەھىرى ۋەنكېخۇي تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، 150تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، ھەربىر كىشىنىڭ يىللىق كىرىمى 6000 يۈەندىن 10 نەچچە مىڭ يۈەنگىچە ئاشتى.

2022 - يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ پەنجىم بازىرىدىكى كادىرلار لى چېڭليەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭدىن پەنجىم بازىرىغا كېلىپ تەرەققىي قىلىشنى خالايدىغان - خالىمايدىغانلىقىنى سورىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەنجىم بازىرى شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا - كەنت خاس كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتاتتى.

«ئەلۋەتتە خالايمەن، مەن يەر تېرىش تېخنىكىسىنى كەنت ئاھالىلىرىگە ھەقسىز ئۆگىتىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە پۇل تاپالايمەن» دېدى لى چېڭليەن. ئىككى يىل ئىچىدە، لى چېڭليەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پەنجىم بازىرىدا 10 مىڭ مو يەرنى ئوبوروت قىلىپ، تاتلىق يوپۇرماقلىق جۇخار، بەنلەنگېن، داڭسېڭ، چوغلۇق قاتارلىق جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى تېرىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى گۇاڭجوۋ، خاربىن قاتارلىق جايلاردىكى دورا كارخانىلىرىنىڭ تەمىنلەش سودىگىرىگە ئايلىنىپ، ھەر يىلى 400دىن ئارتۇق كىشىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

«قاراڭ، بۇ يەر بىزنىڭ تەجرىبە ئېتىزىمىز.» پەنجىم بازىرى ئاقتۆپە كەنتىدە، لى چېڭليەن تاشيول يېنىدىكى بىر پارچە يەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: گۈللەر ئېچىلغان مەزگىلدە، بۇ ئېتىزلار نۇرغۇن ساياھەتچىنى سەيلە قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ، كەنت ئاھالىلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۇششاق يېمەكلىكلەر يايمىسى ئېچىپ، كىرىمىنى كۆپەيتىدۇ.

«مەن يەرلىرىمنىڭ ھەممىسىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېرىشىغا بەردىم، ئۆزۈم زاۋۇت ئېچىپ سېتىۋېلىشقا مەسئۇل بولۇپ، كۆپچىلىكنى تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدىم.» لى چېڭليەن مۇنداق دېدى: 2023 - يىلى، مەن جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى پىششىقلاش زاۋۇتىنى قۇردۇم، بۇ يىل 4 - ئايدا يالپاقلاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرىمەن.

«گەرچە ئالدىراش بولساممۇ، لېكىن مېنىڭ كەنت ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ئىش قىلىپ بەرگۈم بار، مەن بۇنىڭدىن خۇشاللىق تاپالايمەن» دېدى لى چېڭليەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.