تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرايلى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورچىسى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، 2024 - يىلى 4 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلىدۇ. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. بۇ قېتىمقى پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇپ، پۇختا ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

«ئىنتىزامچانلىقنى كۈچەيتكەندە، ئىنقىلاب جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ.» ئىنتىزام چىڭ بولۇش پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى، دەل چىڭ ئىنتىزام ۋە قائىدىگە تايانغاچقا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرەلىگەن. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈپ، قەتئىي بوشاشماي چىڭ ئىنتىزام ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى باشقۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى ئىدارە قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا كەڭ قول بولۇش، بوش بولۇش، يۇمشاق قول بولۇش ئەھۋالىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە پارتىيە ئىنتىزامىغا سەل قاراش، پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنىڭ خەۋپىگە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى قۇرۇلۇشىنى قاتتىق، ياخشى تۇتۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، چىڭ ئىنتىزام ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىشى، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىلىش بىلەن قىلىشتا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەي، بۇيرۇق، تەلەپلەرنى جەزمەن ئىجرا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇشتا، جەزمەن نىشان - تەلەپنى ئىگىلەش كېرەك. ئىنتىزام پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى «ئۆلچەم»، شۇنداقلا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆز ھەرىكىتىگە چەك قويۇشىدىكى ئۆلچەم ۋە قوللانما. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى بىر قىسىم پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى كۆڭلىگە پۈكمەسلىك، چۈشەنمەسلىك، ئىگىلىمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىنتىزامنى ئۆگىنىپ، ئىنتىزامنى بىلىپ، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى، قائىدىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نېمىنى قىلسا بولىدىغانلىقىنى، نېمىنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ، قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنى قەلبكە پۈكۈپ، ئىچكى جەھەتتە سۆز - ھەرىكەت مىزانىغا ئايلاندۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىنتىزام ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆز - ئۆزىنى چەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئىرادە، ئىنتىزام ئىرادىسى، ئەخلاق ئىرادىسى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، باشتىن - ئاخىر سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇشتا، جەزمەن ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى)نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. بابمۇباب، ماددىمۇماددا ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، دېلو مىسالى ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەربىيە ئارقىلىق ئۆگىنىشكە ياردەم بېرىشنى ياخشى تۇتۇپ، «نىزام»نى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «نىزام»نى چۈشىنىش، تەتبىقلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «نىزام»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى، مۇھىم مەزمۇنى ۋە بەلگىلىمە تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، كۈندىلىك سۆز - ھەرىكىتىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەمنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامى، پارتىيە ئىنتىزامى ئارقىلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى توغرىلاپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش جەريانىنى ھەقىقىي تۈردە ئىنتىزام ئېڭىنى كۈچەيتىش، پارتىيەۋىلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈش جەريانىغا ئايلاندۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇشتا، جەزمەن كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈش، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىنتىزام تەربىيەسىنى كۈچەيتىش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە ئىنتىزامى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى بىر تۈرلۈك ئۇللۇق، دائىملىق خىزمەت، جەزمەن بوشاشماي دائىم تۇتۇش، ئۇزاققىچە بوشاشماي تىرىشىش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشتا، ئەينەن ئۆگىنىپ، شەخسلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشىنى مەركەزلىك ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىنى چىڭ كۆزلەپ مۇھاكىمە قىلىپ، ئىنتىزام ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا دائىر تىپىك دېلو مىساللىرىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئەتراپتىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپتىكى كىشىلەرنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سەگەك بولىدىغان، تۆۋەن چەكنى بىلىدىغان، ئەيمىنىشنى بىلىدىغان قىلىش كېرەك. ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى تاماملاش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى ھەربىر تۈرلۈك تەدبىرنى مەركىزىي خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە «ئىككى ياقلىمىلىق»نىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جەزمەن سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.