تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايون ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە ماھىيەتتىن تۈزەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى

ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 4 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايون ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە ماھىيەتتىن تۈزەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە ماھىيەتتىن تۈزەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەقىقىي تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش، قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەكنى قاتتىق ساقلاش، ھەقىقىي تۈردە ئۈچ يىللىق ھەرىكەتنى ياخشى تۇتۇشتا مەسئۇلىيەتچان بولۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى ئوت ئاپىتى ھادىسىلىرىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاچقۇچلۇق مۇھىم نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈشنى كۈچەيتىپ، ئۈچ يىللىق ھەرىكەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار دىققەتنى نۇقتىلىق مەيدان ـ سورۇن، ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تېگى ـ تەكتىگىچە تەكشۈرۈش، مەسىلىلەرنى ئۈزۈل ـ كېسىل تۈزەش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. دىققەتنى كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوت مۇداپىئەسى ھاياتلىق يولىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزىلاردا ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئاممىۋى ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. دىققەتنى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوت مۇداپىئەسى بويىچە تەشۋىق ـ تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە «ئەھمىيەت بېرىدىغان كىشىلەر»نى يېتىشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ساپاسى ۋە ئۆزى مۇداپىئەلىنىش، ئۆز ـ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. قەتئىي تۈردە «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش» تەلىپى بويىچە، پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى، ساھە ـ تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، ئورۇنلارنىڭ ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قەتئىي ھالدا نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەردان مۇقىيىت يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.