تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پورتلار ئاۋاتلاشتى، شىنجاڭ ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپ بولۇپ قالدى

□خەلق گېزىتى مۇخبىرى جياڭ يۈنلۇڭ

جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى ئالاتاۋ پورتىدا دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقتى، لىق مال بېسىلغان يۈك ساندۇقلۇق ئاپتوموبىللار قونجىراپ پورتىدا تېز سۈرئەتتە تاموژنىدىن ئۆتتى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپكە ئايلاندى. 1 ـ، 2 ـ ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 63 مىليارد 690 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.4 ئېشىپ، ئۇدا 28 ئاي ئىككى خانىلىق سان ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى نىسبەتتە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول چوڭ يولى تېخىمۇ زىچلاشتى، تېخىمۇ راۋانلاشتى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاۋارلار بۇ يولنى بويلاپ توپلاندى، يۆتكەلدى، ئايرىپ يەتكۈزۈلدى. ئالاتاۋدا، دۆلەت ئىچىدىكى 25 ئۆلكە، چېگرا سىرتىدىكى 21 دۆلەت بۇ كىچىك تاغ ئېغىزى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلدى. 30 مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى ئاشلىق، تۆمۈر رۇدىسى، كالىيلىق ئوغۇتنى ئېلىپ كىردى، كىيىم ـ كېچەك، ماشىنا ـ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى سىرتقا توشىدى.

شىنجاڭنىڭ تاشيول پورتى كۈنسېرى ئاۋاتلىشىش، ئالدىراش بولۇش، قولايلىشىش بىلەن بىللە، ئېكسپورت قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان «جۇڭگودا ياسالغان» ئاپتوموبىللار ئۈزلۈكسىز تېز كۆپەيدى، ھەتتا پات ـ پات ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتتى. قورغاستا 3 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىگىچە، بۇ يىل 20 مىڭدىن ئارتۇق تاۋار ئاپتوموبىل بۇ تاشيول پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %381 ئاشتى. 2023 ـ يىلى قورغاس ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنغان تاۋار ئاپتوموبىل 304 مىڭ بولۇپ، 2022 ـ يىلىدىكىدىن %307.5 ئاشتى.

نەزەرىمىزنى جەنۇبىي شىنجاڭغا ئاغدۇرساق، يېڭى پۇرسەت بۇ يەردە يىلتىز تارتىپ بىخ سۈرۈپ، چېچەكلەپ مېۋە بەردى. جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر بۆلەك رايونىنىڭ يوپۇقى ئېچىلىپلا 35 كارخانا ماكانلاشتى، شۇ كۈنى كېلىشىم ئىمزالىنىپ ئەمەلىيلەشكەن تۈر مەبلىغى 17 مىليارد 600 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، قەشقەر ۋىلايىتىلا 175 دۆلەت(رايون) بىلەن سودا قىلدى، تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 17 مىليارد 60 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %90 ئاشتى.

ئالتۇن يول تېخىمۇ راۋانلاشتى

«ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق ياۋروپاغا بارىدىغان يول يىپەك يولىدىكى توشۇش ئارىلىقى ئەڭ قىسقا، كېتىدىغان ۋاقىت ئەڭ ئاز، توشۇش ھەققى ئەڭ تۆۋەن خەلقئارا سودا چوڭ يولى» دېدى ئالاتاۋ شەھىرىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى لى جياڭلىن. 2023 ـ يىلى، ئالاتاۋ پورتىدا قاتنىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 6635 قېتىمغا يېتىپ، 2022 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %6.8 ئاشتى. تۆمۈريول پورتىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 14 مىليون 71 مىڭ توننا بولۇپ، 2022 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %17.5 ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى تۆمۈريول پورتلىرى ئىچىدە باش ئورۇندا تۇردى.

«نۆۋەتچى پويىز بارغانسېرى كۆپىيىپ، تۆمۈريول ئاساسىي قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىگە قويۇلىدىغان تەلەپمۇ بارغانسېرى يۇقىرىلىدى. ئالاتاۋ پورتى قۇرۇلۇشىمۇ ئىزچىل تېزلىتىلىۋاتىدۇ.» جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى ئالاتاۋ ۋوگزالى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، ئالاتاۋ ۋوگزالىدا 94 كەڭ ئۆلچەملىك رېلىس لىنىيەسى، 5 مىليون توننا پارچە قاچىلىنىدىغان ئاشلىق تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلدى. قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى 20 مىليون توننىدىن 40 مىليون توننىغا ئۆسۈپ، يىراق مەزگىلدە 60 مىليون توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەندى.

ئالاتاۋ پورتى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىجادىي ئالغا سىلجىتىپ، بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى «بىرلىشىپ» مەشغۇلات قىلىش ئەندىزىسى ئورنىتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. «24×7» سائەتلىك ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مېخانىزمى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈلۈپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ئەڭ زور چەكتە قىسقارتىلدى. نۆۋەتتە، چېگرادىن چىقىدىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى بەش سائەت ئىچىدە بولۇشقا قىسقارتىلىپ، چېگرادىن كىرىدىغان ماللارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇپ يەتكۈزۈش تەرتىپى تۆت سائەت تېزلىتىلدى.

قورغاس تۆمۈريول پورتى ۋوگزالىدا لىق يۈك قاچىلىنىپ يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان نۆۋەتچى پويىزلار رېلىس ئالماشتۇرۇۋاتاتتى. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قوماندانلىق مەركىزى ئېكرانىدا، نۆۋەتچى پويىزنىڭ ئەھۋالى ۋە يۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرى ھەر ۋاقىت يېڭىلىنىپ تۇراتتى. «بىز جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك قاتنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نۆۋەتچى پويىز ئۈچۈن پۈتۈن مۇساپىلىك ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ، 2023 ـ يىلى سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر بولغان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى مەخسۇس يۈرۈش لىنىيەسىدىن 25نى، سائەتلىك سۈرئىتى 90 كىلومېتىر بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا نۆۋەتچى پويىز يۈرۈش لىنىيەسىدىن 14نى تۈزۈپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈرۈش ۋاقتىنى تېخىمۇ دەل جايىدا قىلدۇق.» جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تاشقى ھەمكارلىق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بەي لۇ مۇنداق دېدى: قورغاس ۋوگزالى نۇقتىلىق نۆۋەتچى پويىزلارغا تىرانسپورت كۈچى جەھەتتە مايىللىشىپ، پاراللېل مەشغۇلات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، نۆۋەتچى پويىزلارنى «كەلگەن ھامان ماڭدۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

نۆۋەتتە، ئالاتاۋ ۋە قورغاستىن ئىبارەت شىنجاڭدىكى بۇ ئىككى پورتتىن قاتنايدىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئومۇمىي سانى 70 مىڭ قېتىمدىن ئاشتى. قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزلار سانىنىڭ يىلدىن ـ يىلغا كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، پورت ۋە يول قۇرۇلۇشىمۇ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلدى. 2020 ـ يىلىدىن بۇيان، ئالاتاۋ، قورغاس تۆمۈريول پورتلىرى ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىشنى تېز يولغا قويدى، قورغاس مەيدان ۋوگزالى ماللارنى ئالماشتۇرۇش، قاچىلاش لىنىيەسىدىن بىر جۈپنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، بېرىش ـ كېلىش لىنىيەسىدىن ئوننى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، ئۇزارتىپ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ تىرانسپورتنى تەشكىللەش ئىقتىدارىنى %30تىن كۆپرەك ئۆستۈردى. 2023 ـ يىلى 11 ـ ئايدا، لەنجوۋ ـ شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ جىڭ ـ ئالاتاۋ بۆلىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن يانداش لىنىيەسى قۇرۇلۇشىدا قوش لىنىيە بويىچە ئېلېكتىرلەشتۈرۈپ قاتناش باشلاپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ تىرانسپورت ۋاقتى 40 مىنۇت قىسقارتىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 115كە يېتىپ، 25 دۆلەت ۋە رايونغا تۇتاشتى؛ قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 80 بولۇپ، چېگرا سىرتىدىكى 18 دۆلەتكە تەسىر كۆرسىتىپ، 45 شەھەر ۋە رايونغا تۇتاشتى. ئىككى پورتتىن ئۆتىدىغان ماللارنىڭ تۈرى بىردەك 200 خىلدىن ئاشتى.

قەشقەر ۋىلايىتىدە، ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ئاپتوموبىللار قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ ئىچىدە ئۆچرەتتە تۇرۇپ تاموژنىدىن ئۆتىدۇ. «قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ ئاقىل ئەشيا ئوبوروتىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى» ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسىغا تايىنىپ، ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. بىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ رايوندىن چىقىپ ئۆتكۈزۈشكىچە بولغان پۈتكۈل جەريانى بىر مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ھەربىر ئاپتوموبىلنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش كەسپىدە 0.5 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت تېجەپ قېلىندى.

بۇ يىلدىن بۇيان، قەشقەردە رۇسىيەنىڭ موسكۋا، ئەنگلىيەنىڭ بورنېموس قاتارلىق جايلىرىغا قاتنايدىغان نۇرغۇن خەلقئارا يۈك تىرانسپورت يېڭى لىنىيەلىرى كەينى ـ كەينىدىن ئېچىلىپ، قەشقەرنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئارىلىقى يەنىمۇ قىسقىراپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقى تېخىمۇ قولايلاشتى. ئالدىنقى ئىككى ئايدا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى %119.6 ئاشتى.

يول راۋانلىشىپ، كەسىپلەر جانلاندى

يوللارنىڭ راۋان بولۇشى كەسىپلەرنى جانلاندۇردى. تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسىنى بويلاپ، قازاقىستاننىڭ بۇغدىيىنى توشۇيدىغان يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى بىۋاسىتە ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا كىرىپ، بۇغدايلار جىنشاخې ئۇنچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە توشۇلدى. «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ پايدىسىدا، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوندا ئەشيا ئوبوروت تىرانسپورتى تېخىمۇ قولايلاشتى، بۇغداي ئىمپورت قىلىش تاموژنا بېجى ۋە نورمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىدى، خام ئەشيا تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى ئارقىلىق كارخانىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈپ، ۋاقىت قىسقاردى، تەننەرخ تۆۋەنلىدى» دېدى شىركەت مەسئۇلى يىن فېيخۇڭ.

ئالاتاۋدا، بۇنىڭغا ئوخشاش ئىمپورت قىلىنغان ئاشلىق ـ ياغ پىششىقلاش باشلامچى كارخانىسىدىن 14ى بار، يەنە 100دىن ئارتۇق ئىمپورت ـ ئېكسپورت سودا كارخانىسى بار. ئاشلىق ئىمپورت قىلىش بويىچە بەلگىلەنگەن پورت سالاھىيىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئالاتاۋ پورتى ئاشلىق ـ ياغنى زاپاس ساقلاش ۋە پىششىقلاش كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلەتتى. ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا 813 كارخانا ماكانلىشىپ، ئىمپورت ئاشلىقنى پىششىقلاش، ياغاچ ماتېرىياللارنى پىششىقلاش، ئېكسپورت جابدۇقلىرىنى ياساش، داۋالاش ماتېرىياللىرى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدىن ئىبارەت بەش چوڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپ توپى شەكىللەندى.

قورغاس ئاسىيا ـ ياۋروپا خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك شىركىتى ئاپتوموبىل ئېكسپورت بازىسىدا ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولدى. 2023 ـ يىلى 5 ـ ئايدا تىجارەت باشلىغان بۇ يېڭى شىركەتنىڭ ئايلىق زاكاز مىقدارى قىسقىغىنا نەچچە ئاي ئىچىدىلا ئون نەچچىدىن كۆپىيىپ 1000دىن ئاشتى.

«جۇڭگونىڭ ئاپتوموبىللىرى، بولۇپمۇ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار مەملىكەت سىرتىدا بازار تاپتى، بازار ئىستىقبالى ئىنتايىن ياخشى.» شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى گۇ خەيفېڭ يەنە قورغاسنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا زور ئۈمىد باغلىدى.

قورغاسقا ئۈمىدۋار قارايدىغانلار يالغۇز گۇ خەيفېڭلا ئەمەس. 2023 ـ يىلى، قورغاستىكى «بىر رايون، ئۈچ باغچە»دە جەمئىي ئىجرا قىلىنغان سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى 175، بۇنىڭغا چېتىلىدىغان ئومۇمىي سېلىنما 99 مىليارد 406 مىليون يۈەن، ئەمەلىيلىشىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 58 مىليارد 528 مىليون يۈەن بولۇپ، 2022 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %17.43 ئاشتى. نۆۋەتتە، شۇ جايدا يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، ماشىنا ۋە ئېلېكتىر جابدۇقلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەكلىك پىششىقلاش، كىيىم ـ كېچەك پىششىقلاش، بىيوتېببىي دورا قاتارلىق كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.

قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا، قەشقەر جيابو پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى سېختا LED يورۇقلۇق مەنبەسى زاپچاسلىرىنىڭ ئۆزىكىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى، قەشقەر ئەندې يورۇقلۇق ئېلېكتىر پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئوپتىكىلىق كامېرانى قۇراشتۇرۇۋاتاتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت سودا سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، سودا ئەشيا ئوبوروتىنى ئۇل، ئېلېكتىرونلۇق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى پىششىقلاشنى ئاساس، يېمەكلىك پىششىقلاش، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم ـ كېچەك، ئالاھىدە مېتال پىششىقلاشنى قوشۇمچە قىلغان سىرتقا يۈزلەنگەن ئىشلەپچىقىرىش ـ پىششىقلاش سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

«يول ئارقىلىق ئەشيا ئوبوروتىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئەشيا ئوبوروتى ئارقىلىق كەسىپلەر مۇجەسسەملىنىپ، قەشقەرنىڭ كەسىپ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈنۈملۈك <قوزغىتىلدى>.» قەشقەر تاموژنىسى ئۇنىۋېرسال كەسىپ باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ شىپىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «ئالدىنقى ئىككى ئايدا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ لىتىي ئىيونلۇق ئاككۇمۇلياتور، يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتلىرى، توكلۇق ئاپتوموبىل ۋەكىللىكىدىكى يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورتى %396.7 ئاشتى؛ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئاپتوماتىك سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىلىرى، يان تېلېفون ۋەكىللىكىدىكى ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورتى %80.9 ئاشتى. يېڭى مەھسۇلاتلار ئېكسپورت كۆلىمىنىڭ تېز ئېشىشى، مەملىكەت سىرتىدا بازار تېپىشى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقى سودىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرغانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى».

يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە بەس ـ بەستە بارلىققا كەلدى

ئېچىۋېتىش شىنجاڭنى ئۆزگەرتمەكتە. چۆللۈكتە يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە بارلىققا كەلدى.

قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى چۆللۈكتە قۇرۇلغان زامانىۋىلاشقان باغچە رايونى. باغچە رايونى ئىچىدە، جۇڭشۇن ئېلېكتىرونلۇق سودا (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى ئاپتوموبىلغا مال قاچىلاۋاتاتتى، بۇ ماللار باجدىن خالىي رايوندىن يولغا سېلىنىپ، ئەركەشتام پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىرىلىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن قىرغىزىستاننىڭ ئوش ئوبلاستىغا يەتكۈزۈلىدۇ.

«مەن 2020 ـ يىلى قەشقەرگە كېلىپ ئىگىلىك تىكلىگەن، قەشقەرنىڭ رايون ئەۋزەللىكى ۋە ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكىگە كۆزۈم چۈشكەنىدى.» جۇڭشۇن ئېلېكتىرونلۇق سودا (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ چى مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش شەرق شامىلىغا تايىنىپ، كارخانىمىز ئۇچقاندەك تەرەققىياتنى كۈتۈۋالدى. نۆۋەتتە، كارخانىمىز ھەر كۈنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا زاكاز تالونى 120 مىڭغا يېتىپ، 8000 كىۋادرات مېتىرلىق قۇرۇقلۇق ـ ھاۋا بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئايرىش مەركىزىنى ئىشقا كىرىشتۈردۇق.

«تۇنجى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپى قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا ئەمەلىيلەشكەندىن تارتىپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورت مەخسۇس پويىزى قاتنىغىچە، قەشقەرنىڭ <مال توپلاش> ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.» ۋاڭ شىپىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، قەشقەر تاموژنىسى سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، يېڭى تاراتقۇلاردا تەشۋىق قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، تاشقى سودا سۇبيېكتلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىكى كارخانىلارنى ئادەتتىكى سودىدىن چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا B2B ئېكسپورتى بويىچە خوتنى يۆتكەپ دەرىجىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىدى.

چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، پورت ۋە ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ رايون ئورنى ۋە سىياسەت ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئالاتاۋ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، 28 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا يوللانمىلىرىنى ئايرىش ـ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مەركىزى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن تەرتىپ بويىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېز بولغان تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ماللىرىغا قارىتا ئىلتىماسنى ئالدىن قوبۇل قىلدى، ماللارنى ئالدىن پېچەتلىدى، ئالدىن تەكشۈردى.

«بىز ئالاتاۋ <ئاستا سۈرئەتلىك ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى> ئەندىزىسى بەرپا قىلدۇق، ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارنى 12 كۈندىن 18 كۈنگىچە ياۋروپاغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ، خىراجىتى ئادەتتىكى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىنىڭ 1/5ىگە، ۋاقتى دېڭىز تىرانسپورتىنىڭ 1/6ىگە توغرا كېلىدۇ.» ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جوۋ چۇڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئالاتاۋ پورتى 508 مىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

قورغاستا، زور تۈركۈمدىكى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىدىن باشقا، يەنە بىر مال سېتىۋالىدىغان ياخشى جاي − جۇڭگو ـ قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى بار. جۇڭگو تەرەپ رايونى 3.43 كىۋادرات كىلومېتىر، قازاقىستان تەرەپ رايونى 2.17 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ رايونىدا 3000غا يېقىن تىجارەتچى بار. ساياھەتچىلەر 30 كۈن ۋىزىسىز چېگرا ھالقىپ ئەركىن يۆتكىلىپ، خاس چېگرا ھالقىغان ساياھەتنى ھېس قىلالايدۇ، بۇ مەركەزدىن جۇڭگو تەرەپ چېگراسى ئىچىگە كىرگەن ھەربىر ئادەم ھەر كۈنى بىر قېتىمدا 8000 يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىدىكى باج كەچۈرۈم قىلىنغان تاۋارنى ئېلىپ ماڭسا بولىدۇ. قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن تاموژنا باشلىقى جۈرئەت شۆھرەت مۇنداق دېدى: «2023 ـ يىلى، بىز چېگرادىن كىرگەن ـ چىققان جەمئىي 4 مىليون 180 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزدۇق، بۇ، 2022 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 4.27 ھەسسە ئاشتى.» «ھەر كۈنى بۇ يەرگە كېلىپ مال سېتىۋالىدىغان قازاقىستانلىق سودىگەرلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ» دېدى ھەمكارلىق مەركىزى جىندياۋ مەركىزىي مەيدانىنىڭ باش دىرېكتورى جى گاڭ.

«شىنجاڭنىڭ پورت ئىقتىساد بەلبېغى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلماقتا، تاشقى سودا ئۇدا يۇقىرى خانىلىق ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ، <بىر بەلباغ، بىر يول> يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.» ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ تاموژنا باشلىقى خاۋ ۋېيمىڭ مۇنداق دېدى: «ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭ دىققەتنى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى سىياسىتىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن <يول ئىزدەيدۇ>».

(«خەلق گېزىتى مەملىكەت سىرتى نۇسخىسى»نىڭ 4 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.