تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

دىققەت! تاماق يېگەندە ئەڭ ياخشىسى بۇنداق قىلماڭ، بۇنداق قىلسىڭىز سالامەتلىكىڭىزگە ئاسانلا تەسىر كۆرسىتىدۇ

    بىزنىڭ ئالدىراش كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپچىلىكنىڭ تاماق يېيىش سۈرئىتىمىزمۇ ئوخشاش بولمايدۇ: بەزى كىشىلەر تاماقنى تېز يەپ بولۇشقا ئادەتلەنگەن، يەنە بەزىلەر يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇشقا ئادەتلەنگەن. ئۇنداقتا، سىزنىڭ قايسى خىل يېمەك-ئىچمەك ئادىتىڭىز بار؟ كۈندىلىك تاماق يېيىش سۈرئىتىڭىز تېزمۇ؟

   دىققەت! تاماقنى ئامال بار بەك تېز يېمەڭ، بولمىسا سالامەتلىكىڭىزگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن.

  تاماق يېيىش سۈرئىتىنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى

___________________________________________________________________________________

  تاماق ئۈستىلىدىكى «سۈرئەتنى قوغلىشىش» كىچىك ئىش ئەمەس.

  تېز سۈرئەتتە غىزالىنىشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسى تويۇنۇش سىگنالىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن، ئاڭسىز ھالدا زىيادە كۆپ يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ خىل دىققەت قىلماي زىيادە غىزالىنىش ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەدرىجىي ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن سېمىزلىك، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسىلى ۋە مېتابولىزم يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى قاتارلىق ساغلاملىق خەۋپ-خەتىرىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يېمەكلىكنى تېز سۈرئەتتە يۇتقاندا ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، چۈنكى تولۇق چاينالمىغان يېمەكلىك ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق غىزالانغاندا ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىق ئاشقازان-ئۈچەي مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  بۇنىڭغا نىسبەتەن، ئاستا تاماق يەيدىغانلار بۇ ساغلاملىق يوشۇرۇن خەۋپىدىن مەلۇم دەرىجىدە ساقلىنالايدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تاماقنى ئاستا يېيىش يېمەكلىكنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئازايتىشقا پايدىلىق ئىكەن، چۈنكى ئۇ چوڭ مېڭىگە تويۇنۇش تۇيغۇسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەرلىك ۋاقىت بېرىپ، زىيادە كۆپ غىزالىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. مەسىلەن، تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئاستا تاماق يەيدىغان بالىلارنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش خەۋپى تاماقنى تېز يەيدىغان بالىلارغا قارىغاندا %39 تۆۋەن بولىدىكەن.

  ئومۇملاشتۇرغاندا، ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئاستا غىزالىنىش ئېنىقكى تېخىمۇ پايدىلىق تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

  تاماق يېيىش سۈرئىتىنىڭ ساغلاملىققا بولغان تەسىرىنى تونۇپ يېتىش ھەمدە مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق تەن ساغلاملىقىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ساقلىيالايمىز.

     تاماق يېيىش سۈرئىتىمىزنى قانداق كونترول قىلىمىز؟

​___________________________________________________________________________________

  نۆۋەتتە تاماق يېيىش سۈرئىتى توغرىسىدا توغرا تەۋسىيە بېرەلەيدىغان تەتقىقات يوق، ئومۇميۈزلۈك ھالدا كۆڭۈلدىكىدەك تاماق يېيىش سۈرئىتى بولسا بىر ۋاق تاماققا تەخمىنەن 20 ~ 30 مىنۇت بولسا بولىدۇ، چۈنكى چوڭ مېڭىنىڭ تويۇنۇش سىگنالىنى قوبۇل قىلىشىغا تەخمىنەن مۇشۇنچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

  ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

  ئالدى بىلەن، ئاڭلىق ھالدا تاماق يېيىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشنى سىناپ بېقىڭ. سىز ۋاقىت بەلگىلىگۈچ ئارقىلىق تاماق يېيىش ۋاقتىڭىزنى نازارەت قىلىپ، ھەر قېتىملىق تاماقنىڭ ئاز دېگەندە 20 مىنۇت داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلسىڭىز بولىدۇ. يەنە بىر ئۇسۇل چايناش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش، مەسىلەن، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات قاتارلىق كۆپ قېتىم چايناشقا تېگىشلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك قوشۇش، ھەر بىر يېمەكلىكنى ئېغىزدا 20 قېتىمدىن 30 قېتىمغىچە چايناش كېرەك، بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە تاماقلىنىش ۋاقتىنىمۇ ئۇزارتىدۇ.

  بىر قەدەر كىچىك قاچا-قۇچىنى ئىشلىتىشمۇ بىر ئۈنۈمى بار ماھارەت. كىچىك قوشۇق ۋە كىچىك ئارا ئېغىزدىكى ھەر بىر يېمەكلىكنىڭ مىقدارىنى چەكلەپ، تەبىئىي ھالدا تاماق يېيىش سۈرئىتىڭىزنى ئاستىلىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر قېتىم بىر نەچچە قوشۇق يېمەكلىك يېگەندىن كېيىن، قاچا-قۇچىلارنى قويۇپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىڭ ياكى بىر يۇتۇم سۇ ئىچىڭ، بۇنداق قىلغاندا سۈرئەتنى ئاستىلىتىشىڭىزغا ھەمدە ئاڭلىق ھالدا ھەر بىر قېتىم يېگەن يېمەكلىكتىن ھۇزۇرلىنىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.

   ئاخىرىدا، تاماق يېگەندە دىققىتى چېچىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئامال بار تاماق يېگەچ تېلېۋىزور كۆرمەڭ ياكى يان تېلېفون ئوينىماڭ، چۈنكى بۇ سىزنىڭ  تاماق يېيىش سۈرئىتىڭىزنى ئىختىيارسىز تېزلىتىۋىتىدۇ.

  ​بىز بۇ ئۇسۇللارنى تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، تېز سۈرئەتتە تاماق يېيىشقا تەسىر قىلىدىغان ئامىلار ئۈستىدە ئىزدەنسەك  بولىدۇ، سىز بىر ھەپتە ئىچىدە ئۆزىڭىزنىڭ ھەر بىر ۋاخ تامىقىڭىز ئۈچۈن، قەيەردە يېگەنلىكىڭىز، تاماق يېگەندە نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭىز، قانداق ھېسسىياتتا بولۇۋاتقانلىقىڭىزنى ۋە قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىپ تاماق يەپ بولغىنىڭىزنى خاتىرىلىسىڭىز بولىدۇ.

   بۇنداق قىلىش سىزنىڭ تېز سۈرئەتتە غىزالىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كونكرېت ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە سىزگە قايسى ۋاقىتتا يېمەكلىكتىن ئاستا-ئاستا بەھرىمەن بولۇشقا بەكرەك مايىل ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇ تاكتىكىلارنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈش بىزنى تاماق يېيىشتە زىيادە ئىككىلەندۈرۈپ قويۇش ئەمەس، بەلكى تاماق يېيىش سۈرئىتىنى تەڭشەش ئارقىلىق تېخىمۇ ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلغانلىق.

   قىسقىسى، ئادەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە سىجىل تىرىشچانلىق كېرەك. ئاستا-ئاستا كېلەيلى، ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئۆزىمىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ساغلام غىزالىنىش سۈرئىتىنى تېپىپ چىقىپ، يېمەك-ئىچمەكنى تۇرمۇشتىكى بىر خىل ھۇزۇرغا ئايلاندۇرايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.