ھازىر، سانجى شەھىرى دەنبا بازىرى تۇلياڭ كەنتىدىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكتىكى «ئەتىيازدا بالدۇر پىشىدىغان» تۇپراقسىز ئۆستۈرۈلگەن ئورگانىك خاڭگا ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ، ئۈزۈش، سېتىش باشلاندى، بۇ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى بۇ يەرگە كېلىپ ئۈزۈشكە، تېتىپ بېقىشقا ۋە سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلىپ، يېزا-كەنت ساياھىتىنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇردى. سۈرەتتە: سانجى شەھىرى دەنبا بازىرى تۇلياڭ كەنتىدىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكنىڭ خىزمەتچىلىرى شەھەر ئاھالىلىرى ۋە كىچىك دوستلارغا مېۋە ئۈزۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى تونۇشتۇرماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىر چېڭ شىلىن
شەھەر ئاھالىسى ۋە كىچىك دوست تۇپراقسىز ئۆستۈرۈلگەن خاڭگانىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆرمەكتە.
كىچىك دوستلار يېڭىلا ئۈزگەن خاڭگانى كۆرسەتمەكتە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى