تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

خوشۇتتا 140 مىڭ مو يەردىكى لازا مايسىسىنى كۆچۈرۈپ تىكىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوشۇت ناھىيەسى لازا تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، قىزىل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، لازا تېرىقچىلىقىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى ئاساسلىق يولغا ئايلاندۇردى. ھازىر، تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، خوشۇت ناھىيەسىدىكى 140 مىڭ مو يەردىكى لازا مايسىسىنى كۆچۈرۈپ تىكىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، خوشۇت ناھىيەسى تاغارچى بازىرىنىڭ لازا مايسىسى يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، لازا كۆچۈرۈپ تىكىش ماشىنىسى توختىماي ئۆتۈشۈپ، لازا مايسىسى كۆچۈرۈپ تىكىش ماشىنىسىنىڭ «قوبۇل قىلىش-چىقىرىش»ى ئاستىدا، ئېتىزغا دەل جايىدا تىكىلدى.

(ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز دورلى، ياڭ جياجيا، دەي چېنرەن، گاۋ سۇرۇڭ)

    لازا كۆچۈرۈپ تىكىش ماشىنىسى مەشغۇلات قىلماقتا. خوشۇت ناھىيەسى لازا تېرىش جەريانىدا مايسا يېتىشتۈرۈپ كۆچۈرۈپ تىكىش، يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش، سۇغىرىش-ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق تېخنىكىلارنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىپ، مايسا يېتىشتۈرۈشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، كۆچۈرۈپ تىكىشنى كۆلەملەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. 

    ئېتىزغا كۆچۈرۈپ تىكىلگەن لازا مايسىلىرى كەڭ زېمىنغا بىر قەۋەت يېڭى يېشىللىق بېغىشلاپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى ھاسىل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.