تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىدىكى پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن كۆكتات مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلدى

4-ئاينىڭ 8-كۈنى، سانجى شەھىرى دەنبا بازىرى تۇلياڭ كەنتىدىكى قۇياش نۇرى پارنىكىدا، كەنت ئاھالىلىرى بىخلىغان كۆكتات مايسىلىرىنى رەتلىمەكتە. تۇلياڭ كەنتىنىڭ قۇياش نۇرى پارنىكىدا بۇ يىل يېتىشتۈرۈلگەن لازا، چەيزە، خاڭگا، كاۋا قاتارلىق 500 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك كۆكتات مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلدى، 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىنىدۇ. بۇ قۇياش نۇرى پارنىكىغا سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلار قوللىنىلىپ، مايسا يېتىشتۈرۈش مۇھىتىنى دەل جايىدا كونترول قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، مايسا يېتىشتۈرۈش سۈپىتى ۋە ھوسۇلى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر خې لۇڭ)

كەنت ئاھالىلىرى كۆكتات مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. سانجى شەھىرى دەنبا بازىرى تۇلياڭ كەنتى كوللېكتىپ پاي ئىقتىسادى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇياش نۇرى پارنىكىنىڭ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى، يېرى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىدى، ئۈچىنچى تەرەپ كارخانىسى مەبلەغ سالدى، تېخنىكا بىلەن تەمىنلىدى، ئىككى تەرەپ شېرىكلىشىپ تۇلياڭ كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ بۇ تۈرنى يولغا قويدى. تۈردىن پايدا ئېلىنغاندىن كېيىن، كەنت كوللېكتىپ پاي ھەمكارلىق كوپىراتىپى مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %30ى بويىچە پايدا تەقسىملەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ.

كەنت ئاھالىلىرى مايسا يېتىشتۈرۈش تاختىسىنى يۆتكەش بىلەن ئالدىراش بولماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.