تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك

□ جۇڭ خۇالۇن

باھاردىكى جۇڭگو جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى.

بىپايان دالىدىن ئاۋات شەھەرگىچە، ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىن تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئورنىغىچە، بىپايان ئوكياندىن چەكسىز ئالەم بوشلۇقىغىچە، ھەممىلا يەردە يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. «يېڭىلىق»قا قاراپ ئىلگىرىلەپ، «ئالاھىدىلىك»كە تايىنىپ يىراققا يۈرۈش قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەت جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى سىزماقتا.

«جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق، بىزدە مۇشۇنداق جاسارەت ۋە ئىشەنچ بار.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇشۇنداق جاكارلىشى قەلبلەرنى ھاياجانغا سالدى. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىش بۇرغىسى چېلىندى، دەل كۈرەش قىلىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى!

( 1 )

«پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.» يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەنگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا يېڭى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە «يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى»نى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇشتىن مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا «يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش»نى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشقىچە؛ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى سىستېمىلىق بايان قىلىشتىن مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش»نى تەكىتلەشكىچە... دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۇنيا پەن ـ تېخنىكىسى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى دەل جايىدا ئېنىق كۆزىتىپ ۋە ئىگىلەپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم ھۆكۈمنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت يولى ۋە ئىلمىي مېتودولوگىيەسىنى چۈشەندۈرۈپ، «يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى دېگەن نېمە، نېمە ئۈچۈن يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش كېرەك» قاتارلىق مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى. بۇ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى يېڭىلىق يارىتىشتا يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ، ئەنئەنىۋى ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش شەكلى، ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات يولىدىن قۇتۇلغان، يۇقىرى تېخنىكا، يۇقىرى ئۈنۈم، يۇقىرى سۈپەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ئۇيغۇن بولغان ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سۈپەت ھالىتى. ئۇ، تېخنىكىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنى ئىجادىي تەقسىملەش، كەسىپ تىپىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن، ئەمگەكچى، ئەمگەك ۋاسىتىسى، ئەمگەك ئوبيېكتى ھەم ئۇلارنىڭ ئەلالىشىپ بىرىكىشىنىڭ يۈكسىلىشىنى ئاساسىي ئىچكى خاس مەزمۇن قىلغان، پۈتۈن مۇھىم ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشنى يادرولۇق بەلگە قىلغان بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئەلا سۈپەتلىك بولۇش ئۇنىڭ ئاچقۇچى، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچ بولۇش ئۇنىڭ ماھىيىتى.

ماركسىزم مۇنداق قارىغان: ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى. كىشىلەر ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى جەريانىدا ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگىكى، ئەمگەك ۋاسىتىسى ۋە ئەمگەك ئوبيېكتىدىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلنى جەزمەن ھازىرلىشى كېرەك. يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەمگەكچىگە، ئەمگەك ۋاسىتىسىگە، ئەمگەك ئوبيېكتىغا يېڭى ئىچكى خاس مەزمۇن بېغىشلىدى، شۇنداقلا يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. ئەمگەكچى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۈرتكىسىدە يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى، يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر، بولۇپمۇ ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنىڭ رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. ئەمگەك ۋاسىتىسىدىن قارىغاندا، پەن ـ تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەمەلىي قوللىنىلىشى يېڭى تىپتىكى ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنى ئارقا ـ ئارقىدىن بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيەسىنىڭ ھالقىشىغا تۈرتكە بولدى. ئەمگەك ئوبيېكتىدىن قارىغاندا، ئەمگەك ئوبيېكتىنىڭ دائىرىسى ۋە ساھەسىدە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۈرتكىسىدە مۇھىم ئۆزگىرىش بولدى، چوڭ جەھەتتە ئالەم بوشلۇقىدىن تارتىپ، كىچىك جەھەتتە گېن كىۋانتىغىچە، ھەممىسى ئەمگەك ئوبيېكتلىرىغا ئايلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش بوشلۇقىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتتى.

ماركس مۇنداق كۆرسەتكەن: «نەزەرىيەنىڭ بىر دۆلەتتە ئەمەلگە ئېشىش دەرىجىسى ھامان نەزەرىيەنىڭ شۇ دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش دەرىجىسىگە باغلىق بولىدۇ.» يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى نەزەرىيەسى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشقا ئېھتىياجلىق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى مەۋقە قىلىپ، «يېڭىلىق يارىتىش»نى، بولۇپمۇ «پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش»تىن ئىبارەت بۇ دەۋر ئالاھىدىلىكىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى، بۇ، ماركسىزملىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى نەزەرىيەسىدىكى زور يېڭىلىق يارىتىش ۋە يۈكسىلىش بولۇپ، بىزنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىزنى ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەپ، قۇدرەتلىك ئىدىيە ۋە ھەرىكەت كۈچى قوشتى.

( 2 )

ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تارىخىغا نەزەر سالساق، ئىنسانلار ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى، سانائەت ئىنقىلابى، ئۇچۇر ئىنقىلابىنى باشتىن كەچۈردى. ھەربىر قېتىملىق كەسىپ ـ تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا غايەت زور ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. پار ماشىنىسى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ۋە ئاپتوماتىك يىپ ئېگىرىش ماشىنىسىنىڭ «تېخىمۇ خەتەرلىك ئىنقىلابچىلار» دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب دەل ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئەڭ جانلىق، ئەڭ ئىنقىلابىي ئامىل بولغانلىقىدا. تارىخنىڭ چاقى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىدى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى باشتىن ـ ئاخىر بارلىق جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ كۈچى بولۇپ كەلدى.

«كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»دە، ماركس بىلەن ئېنگېلس مۇنداق كۆرسەتتى: پىرولېتارىيات ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، «ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى ئىمكانقەدەر تېز ئاشۇرۇش»ى كېرەك. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنىڭ مەقسىتى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش.» ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، يولداش دېڭ شياۋپىڭ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «سوتسىيالىزمنىڭ ۋەزىپىسى ناھايىتى كۆپ، لېكىن نېگىزلىك بولغىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ نېگىزلىك، ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە يەنىلا ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش. يېڭى مۇساپىدە، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىچكى تەلەپ ۋە مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى، جەزمەن مەھكەم ئەمەلىي تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشقا تېگىشلىك «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى».

دۆلەت ئىچىدىن قارىغاندا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، پۇختا نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئامىللار يەنىلا كۆپ مىقداردا مەۋجۇت. خەلقئارادىن قارىغاندا، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتەرلىك ئەمەس، تاشقى مۇھىت مۇرەككەپ ۋە كەسكىن، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك كۈچ سىنىشىشتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانىغا ئايلاندى، يەرشارىۋى ئىقتىساد ۋە يېڭىلىق يارىتىش خەرىتىسى قايتا تۈزۈلۈۋاتىدۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى يېڭى پۇرسەت ۋە خىرىس ئېلىپ كەلدى. قانداق قىلغاندا ئۆزگىرىشكە ئۇيغۇنلىشىپ، پۇرسەت يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىقى ۋە تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى مەھكەم ئىگىلىگىلى بولىدۇ؟ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سۈپەت ھالىتىنى بەرپا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسىدە تېخىمۇ زور بۆسۈش، تېخىمۇ زور ھالقىش، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۇ، دەۋرنىڭ ئېھتىياجى، تەرەققىياتنىڭ تەقەززاسى، چوڭ ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر تاللاش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتىكى مۇستەھكەم تىرەك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، شۇنداقلا خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرۇشنىڭ رېئال ئېھتىياجى.

تايىنىشقا تېگىشلىكى ۋەزىيەت، چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىكى پۇرسەت. دۆلىتىمىز غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بېسىپ ئۆتكەن سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى نەچچە ئون يىلدا تاماملاپ، يەرشارى بويىچە ئەڭ مۇكەممەل، كۆلىمى ئەڭ زور سانائەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئىجادچان دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسى ۋە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى. يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنىڭ «يېشىل ئاساسىي رېڭى»نى چوڭقۇر يېتىلدۈرۈپ، ئىسلاھاتتىن ئىبارەت «ھەل قىلغۇچ قەدەم»نى ياخشى بېسىپ، ئىختىساسلىقلاردىن ئىبارەت «كۈچلۈك موتور»نى بەرپا قىلساقلا، بىز ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى مۇسابىقە يوللىرىنى ئېچىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىپ، يېڭى بوشلۇقنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولالايمىز.

( 3 )

بېيجىڭ يىجۇاڭدا، ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىللار توختىماي ئۆتۈشۈپ، خۇددى «پېشقەدەم شوپۇر» ھەيدەۋاتقاندەك سىلىق ماڭاتتى؛ جېجياڭ دېچىڭدا، ئۈزۈش ماشىنا ئادىمى بىلىكىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ شوخلا ئۈزۈۋاتقان بولۇپ، خۇددى «پىشقان ماھىر»غا ئوخشايتتى؛ چۇڭچىڭ لياڭجياڭ يېڭى رايونىدا، مىكرو نانومېتىرلىق3D باسما تېخنىكىسى ئارقىلىق ئادەم ئەزالىرى ئۆزەك ئۈستىگە «چۈشۈرۈلۈۋاتقان» بولۇپ، «كەشتە تىكىش ماھارىتى» كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى... جۇڭگو زېمىنىدا، بارغانسېرى كۆپ فانتازىيەلىك كۆرۈنۈش رېئاللىققا ئايلىنىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى چەكسىز مۇمكىنچىلىك ۋە چەكسىز جەلپكارلىق جانلىق ئىزاھلانماقتا.

ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىلىم ـ پەن ۋە تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىدۇ، «ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىلىم ـ پەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.» بۈگۈنكى كۈندە، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ھەرقايسى مۇھىم ئامىللىرىغا سىڭىپ، ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئايلىنىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ، ئۇ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى يادرولۇق مۇھىم ئامىل. يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك. كىم پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا يۇقىرى پەللىنى ئىگىلىسە، شۇ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلىيەلەيدۇ.

ھالقىش يولىدا مۇھىمى يېڭىلىق يارىتىش. جىڭدۇڭفاڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىدىكى ئۇزۇنلۇقى 34.8 مېتىر، ئېگىزلىكى 3.6 مېتىر كېلىدىغان تام كارخانىنىڭ پاتېنت گۇۋاھنامىلىرى بىلەن لىق تولغانىدى. قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە تېخنىكا جەھەتتە ھەمىشە باشقىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراشتىن، بۈگۈنكى كۈندە جەمئىي 90 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئۆز ئالدىغا پاتېنت ئىلتىماسىغا ئىگە بولۇشقىچە، جىڭدۇڭفاڭنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشىشى دۆلىتىمىز كارخانىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ تەرەققىيات يېڭى يولىنى ئاچقانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىگە ئايلاندى.

يېڭىلىق يارىتىشتا بىر قەدەم بېسىلسا، تەرەققىيات ئومۇميۈزلۈك جانلىنىدۇ. پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشتە، جەزمەن ئىجادىي خاراكتېرلىك، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ھەقىقىي كۈچ، جاپالىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئىجادىي خاراكتېرلىك، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى بەس ـ بەستە بارلىققا كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى تىرىشىپ ياخشى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پەن ـ تېخنىكا قاتتىق ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى پەقەت «تەجرىبىخانا»دىكى ئەۋرىشكە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى»دىكى مەھسۇلات، چوڭ بازاردىكى تاۋار بولۇشى كېرەك. پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشتە، جەزمەن يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئەمەلىي قوللىنىشتىن ئىبارەت «رېن ـ دۇ ئىككى تومۇر»نى راۋانلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ پەن تەتقىقات نەتىجىسىنى «كىتاب جازىسى»دىن «مال جازىسى»غا، ئىلمىي ماقالىدىن مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كونكرېت كەسىپ ۋە كەسىپ زەنجىرىدە ۋاقتىدا ئەمەلىي قوللىنىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى چۆرىدەپ كەسىپ زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن قان تومۇرنى جانلاندۇرۇپ، بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ، غەيرەتنى ئاشۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە «ئېگىزلىك»تىن «چوققا»غا قاراپ قەدەم تاشلىغىلى بولىدۇ.

C919 تىپلىق چوڭ ئايروپىلان سودا خاراكتېرلىك ئۇچۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان چوڭ تىپتىكى پوچتا پاراخوتى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى، شېنجوۋ جەمەتىدىكىلەر ئالەم بوشلۇقىدا كۈچ ئۇلىدى، «فېندوۋجې» ناملىق چۆككۈ ئاخىرقى چەككىچە چوڭقۇر چۆكتى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان يېڭى يان تېلېفونلار ئالقىشقا ئېرىشتى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، لىتىيلىق باتارېيە، يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتلىرى يەلكەن چىقىرىپ سەپەرگە ئاتلاندى... بۈگۈنكى جۇڭگودا، پەن ـ تېخنىكا كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن بارلىققا كېلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. ئالدىمىزدىكى يولغا نەزەر سالساق، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، يەنە نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەل، خەتەرلىك توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. «ئون يىلدا بىر شەمشەر تاۋلاپ چىقىش»تەك ئىرادىنى ساقلاپ، «جاپاغا چىداپ جەڭ قىلغاندا ئۆتكەلدىن ئۆتكىلى بولىدۇ» دەيدىغان ئىشەنچنى چىڭىتىپ، «زور قوشۇن بەس ـ بەستە ئاتلىنىش»تەك ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتساقلا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مۇقەررەر كۈنسېرى كۈچەيتكىلى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات جاۋاب قەغىزىنى مۇقەررەر تېخىمۇ قالتىس پۈتكىلى بولىدۇ.

( 4 )

«ئەينى يىللاردىكى قۇم ـ بوران خۇددى PM250كە ئوخشايتتى. بىز PM250تىن PM2.5 كە ئۆتتۇق، ھازىر PM2.5نىمۇ ئاساسەن ھەل قىلىپ بولدۇق، مۇشۇ يىللاردا قەدەممۇ قەدەم ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىمىز.» بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭنىڭ كۆك ئاسمىنىدىن باشلاپ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى ئىدارە قىلىشتىكى قالتىس مۇساپە ئۈستىدە توختىلىپ، مۇھىت قوغداشنى كۈچەيتىش، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىرادىسى ۋە كۈچىنى نامايان قىلدى.

يېشىل تەرەققىيات يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي رېڭى، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئۆزى دەل يېشىل ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى. يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلغان، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ئۇيغۇن بولغان ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بولۇپ، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتقا زىيان يەتكۈزىدىغان، بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىدىن ۋاز كېچىپ، بايلىق، مۇھىت سەرپىياتىغا زىيادە تايىنىۋالىدىغان ئېشىش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يېشىللاشتۇرۇش، تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى بىلەن مۇھىتنى يۇقىرى سەۋىيەدە قوغداشنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، تەرەققىيات شەكلىدە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلەتكەندىلا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ماڭغانسېرى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ.

ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى يېشىللاشتۇرۇش، تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇشنى تېزلىتىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى يەنىلا بېسىم ئۈستىلەنگەن، ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيەنىڭ «يېشىللىق تەركىبى» ئارقىلىق تەرەققىياتنىڭ «قىممىتى»نى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش ھەم ئېكولوگىيە ـ مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى بىلەن تەمىنلىدى، تېخىمۇ مۇھىمى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇپ، يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىدۇ، ھەم ھازىرغا پايدىلىق، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇزاققىچە نەپ يەتكۈزىدۇ، جەزمەن قەتئىي بوشاشماي داۋاملىق تۇتۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش كېرەك.

يېشىل ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، كەسىپ تىرىكى − ئۇل تاش. يېشىل پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىلغار يېشىل تېخنىكىنى كېڭەيتىپ ئەمەلىي قوللىنىشنى تېزلىتىپ، يېشىل ياسىمىچىلىقنى كۈچەيتىپ، يېشىل مۇلازىمەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېشىل ئېنېرگىيە كەسپىنى زورايتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپ ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. سىياسەت جەھەتتىن قوللاش − كاپالەت. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى قوللايدىغان ئىقتىسادىي سىياسەت قورال ساندۇقىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، يېشىل پۇل مۇئامىلىنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پائال تۈردە پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيىتى − تۇپراق. پۈتكۈل جەمئىيەتتە يېشىل، ساغلام تۇرمۇش شەكلىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ئىستېمال ئادىتى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇپ، گۈزەل جۇڭگونى ئورتاق قۇرۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

يېقىندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ـ پەن ـ مەدەنىيەت تەشكىلاتى يېڭى بىر تۈركۈم دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، جۇڭگودىكى دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسىنىڭ ئومۇمىي سانى 47گە يېتىپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. كۆز يەتكۈسىز كۆپكۆك ئاسمان، سۈپسۈزۈك دەريا ـ كۆللەر، يېشىل زاۋۇتلار ئارقا ـ ئارقىدىن بارلىققا كەلدى، ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسى كەڭ ئەمەلىي قوللىنىلدى، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، گۈزەل ماكان بارغانسېرى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدى... كىشىلەر تەبىئەتكە يۈز كېلەلىسە، تەبىئەتمۇ چوقۇم كىشىلەرنى نائۈمىد قويمايدۇ. يېشىل تەرەققىياتتا بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل ئۈمىد ئۇرۇقىنى ئۈزلۈكسىز چېچىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرساقلا، بىز چوقۇم يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

( 5 )

ماركس ئىلگىرى مۇنداق كۆرسەتكەن: «كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرغاندا، يەنى تۇرمۇش كەچۈرگەندىمۇ مۇئەييەن ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ؛ بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ خاراكتېرى مۇقەررەر ھالدا بۇ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ.» يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، جەزمەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنىڭ زىددىيەتلىك ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، شۇنىڭغا ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى تىپتىكى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

قانداق قىلغاندا كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى تىكلىگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ؟ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، بىز ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتۇق، ئۈستقۇرۇلمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىقتىسادىي بازىسنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇق. ئەنخۇيدىكى شياۋگاڭ كەنتى «چوڭ ھۆددىگەرلىك»نى يولغا قويۇپ، يېزا ئىسلاھاتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى؛ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئورنىتىلىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇلدى؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلدى... يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق توسالغۇ ـ نۇقسانلارنى تۈگىتىپ، يول ئېچىپ كۆۋرۈك سېلىپ، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان تۈزۈلمە ـ مېخانىزمنى ئۈزلۈكسىز ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش، ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ھەم تەرەققىيات تېمىسى، تېخىمۇ مۇھىمى ئىسلاھات تېمىسى، شۇنداقلا بىر قېتىملىق چوڭقۇر ئۆزگىرىش.

تەرەققىيات تېما چىقاردى، ئىسلاھات كۈچ سەرپ قىلدى. يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، پەن ـ تېخنىكا تۈزۈلمىسى قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى ئورنىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنى تەقسىملەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك ئىلغار، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنى يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا قاراپ راۋان يۆتكىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ياخشى خەلقئارا مۇھىت يارىتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقنى تېخىمۇ ياخشى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىنى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش تورتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭايتىش كېرەك.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز دەل دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈندۇر.» ئىسلاھاتتىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئالغاندا، ئېچىۋېتىشتىن ھاياتىي كۈچ ئالغاندا، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا پۈتمەس ـ تۈگىمەس تۈرتكىلىك كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ياراتقىلى بولىدۇ.

( 6 )

«چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى بىز جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئۇل تېشى، تۈۋرۈكى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر مېھىر ـ مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن بۇ سۆزى ئەمگەكچىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرۈش بىلەن تولغان بولۇپ، تېخىمۇ مۇھىمى ئىختىساسلىقلارنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئېچىپ بەردى.

ئادەم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىچىدىكى ئەڭ جانلىق ئامىل، شۇنداقلا ئەڭ ھەل قىلغۇچ كۈچ. خەلق ئاممىسىنىڭ تارىخىي سۇبيېكتلىق ئورنىغا بولغان چوڭقۇر تونۇش ئاساسىدا، ماركسىزملىق كىلاسسىك يازغۇچىلار «ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچى − ئادەمنىڭ ئۆزى» دېگەن قاراشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانىدى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، ئىختىساسلىقلار بايلىقى بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنىڭ ماھىيىتى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتۇر. يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىختىساسلىقلارغا تايىنىدۇ، ئىختىساسلىقلار قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى، قابىلىيىتى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە ياخشى.

يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم يول ئىختىساسلىقلارغا ئېرىشىشتە. يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، جەلپ قىلىش، ئىشلىتىش، مۇۋاپىق يۆتكىلىشكە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى، ئاچقۇچ مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇنبەت تۇپراق يارىتىپ، سەھنە ھازىرلاپ بېرىشتە. زامانغا، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە ئاساسەن، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەسىس قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىشتە بىر قېلىپقىلا ئېسىلىۋالماي، مۇھىم ئامىللارنىڭ كىرىم تەقسىماتىغا قاتنىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمگەك، بىلىم، تېخنىكا، باشقۇرۇش، كاپىتال ۋە سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، بىلىم، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنىڭ بازار قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك.

بىلىم كۈچ دېمەكتۇر، ئىختىساسلىقلار كەلگۈسى دېمەكتۇر. پەن تەتقىقات تۈرى خىراجىتى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پەن تەتقىقات خادىملىرى ئۈچۈن «يۈكى يېنىكلىتىلىپ، باغلاق بوشىتىلدى»؛ ئىختىساسلىقلارنى باھالاش ھوقۇقى كارخانىلارغا چۈشۈرۈلۈپ، بازار جىددىي ئېھتىياجلىق، كارخانا ئېتىراپ قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلار تېخىمۇ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىندى؛ سەرخىل يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر قوشۇنى يېتىشتۈرۈلدى... ھەرقايسى جايلارنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەمەلىيىتىدە، «ئىختىساسلىقلار» بارغانسېرى كۆزگە چېلىقىدىغان ئاچقۇچلۇق سۆزگە ئايلاندى. «دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى قابىلىيەتلىك ئىختىساسلىقلارغا تايىنىدۇ؛ ئىختىساسلىقلار كۆپ بولسا دۆلەت خاتىرجەم بولىدۇ.» جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن قابىلىيەتلىكلەرنى ئەتىۋارلايدىغان، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەيدىغان ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە. يېڭى مۇساپىدە، كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئىختىساسلىقلارنى بايقىغان، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرگەن، ئىختىساسلىقلارنى توپلىغان، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلەتكەندىلا، مۇقەررەركى تۈمەن تۇلپار بەيگىگە چۈشكەن، جۇشقۇن، جانلىق بولغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

( 7 )

يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش بىراقلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى بۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان سىستېما قۇرۇلۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا تېگىشلىك ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. بۇ ئىلمىي مېتودولوگىيە راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش روھىغا تولغان، بۇنىڭدا سىستېمىلىق تەپەككۇر، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر، ئىجادىي تەپەككۇر، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنىڭ ئىدىيە نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، جەزمەن «ئورنىتىش» بىلەن «بىكار قىلىش»نىڭ دىيالېكتىكىلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «ئورنىتىش» تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، «بىكار قىلىش» ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئىككىسى بىر ـ بىرىنى تولۇقلايدۇ، «ئورنىتىش» بىلەن «بىكار قىلىش»نىڭ تەڭپۇڭلۇق ۋە ھەمتۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئىلگىرىلىشى شەيئىلەر تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي قانۇنىيەت. «ئورناتماي» تۇرۇپ «بىكار قىلىش» يېڭى تاماق قاچىسىنى تېخى قولىمىزغا ئالماي تۇرۇپ، قولىمىزدىكى ئەسلىدىكى تاماق قاچىسىنى تاشلىۋەتكەنلىك بولۇپ، بۇنداق قىلساق ئالدىراقسانلىق قىلغان بولىمىز؛ پەقەت «بىكار قىلىپ» «ئورناتماسلىق» ئېيىقنىڭ قوناق تەرگىنىگە ئوخشاش يول بويى بىرنى ئېلىپ بىرنى تاشلاپ ماڭغاندا ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. پەقەت «ئورنىتىش» ئاساسىدا «بىكار قىلىش»نى ئالغا سىلجىتىپ، «بىكار قىلىش»نىڭ تۈرتكىسىدە «ئورنىتىش»تا سالماق بولغاندىلا، ئاندىن ئىشنى پۇختا قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ. ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدىكى بىر مۇھىم ئىپادىسى دەل يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر بىلەن ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا. يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە سەل قارىغانلىق ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ، دىققەتنى «يېڭىلىق يارىتىش» دېگەن سۆزگە كۈچ سەرپ قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر بىلەن ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ بىر ـ بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە، بىر ـ بىرىنى تولۇقلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشتە. بىر قولدا يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قۇرۇشنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولدا ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تۇتۇپ، كەسىپلەرنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ، يېشىللاشتۇرۇپ تىپ ئۆزگەرتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەم يېڭى شاخ يېتىشتۈرۈپ، يېڭى مايسا تىكىپ، ھەم قېرى دەرەخنىڭ بىخ چىقىرىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەندىلا، ئاندىن كەسىپ تەرەققىياتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئاساسنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان بىرىكىمە كۈچنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا جەزمەن شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتىكى سەگەكلىك ۋە ئىرادىنى ساقلاش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئالدىدا، كۆڭلىدە قىزغىنلىق بولسىمۇ، بىراق كاللا چوقۇم سەگەك بولۇش، قەدەمنى چوقۇم پۇختا بېسىش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنى كەڭ، ھەرقايسى جايلارنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، كەسىپ ئاساسى، پەن ـ تەتقىقات شارائىتى قاتارلىقلار بىر ـ بىرىگە ئوخشىمايدۇ. يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئەمەلىي ئەھۋالدىن چەتنەپ كېتىشكە، قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلماسلىققا بولمايدۇ، پىلانسىز ئىش كۆرۈش، كۆپۈكلەشتۈرۈۋېتىشتىن ئىبارەت داغدۇغىسى بار، ئۈنۈمى يوق بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قارىغۇلارچە ئەگىشىش، نوقۇل بىرلا خىل ئەندىزە بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ئىبارەت «تاپشۇرۇق كۆچۈرۈش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. پەقەت مەۋقەنى ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، كۆكتاتقا قاراپ تاماق ئېتىپ، بەدەننى ئۆلچەپ كىيىم پىچىپ، قىلىدىغاننى قىلغان، قىلمايدىغاننى قىلمىغاندىلا، ئاندىن ئىلمىي، مۇۋاپىق تەرەققىيات يولىنى تاپقىلى بولىدۇ. «خاس ماركا»نى ياخشى يارىتىپ، «ئەمەلىي يول»دا پۇختا مېڭىپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى مەنزىل ئېچىش كېرەك.

يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، جەزمەن تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. كونكرېت مەسىلىلەرنى كونكرېت تەھلىل قىلىش ماركسىزمنىڭ ھاياتىي كۈچى، شۇنداقلا ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولى. يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، ھەممىنى ھەل قىلىدىغان «بىر چارە» يوق، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» «بىر قازاندا قاينىتىش»تىن ساقلىنىپ، «بىر ئاچقۇچ بىلەن بىر قۇلۇپنى ئېچىش»تا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت ـ تەدبىرلەرنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ئاساسىي ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، مەسىلىنى توغرا تېپىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، دىققەتنى تەرەققىيات سۈپىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، نىشانلىق كۈچەش، دەل جايىدا ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

( 8 )

شاڭخەي سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەجرىبىخانىسىدا، ھەممىباب چوڭ مودېل سىستېمىسى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈپ، نۇرغۇن كەسىپنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياردەمچىسىگە ئايلاندى؛ ئەنخۇي خېفېيدا، دۆلىتىمىزنىڭ 3 ـ ئەۋلاد ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك كىۋانت كومپيۇتېرى توردا يۈرۈشتۈرۈلۈپ، ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك كىۋانت كومپيۇتېر كەسىپ زەنجىرى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى؛ چاڭچۇنگە جايلاشقان جۇڭگو پاراۋۇز گۇرۇھى چاڭچۇن رېلىسلىق يولۇچىلار پويىزى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ سىناق لىنىيەسىدە، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ھىدروگېن ئېنېرگىيەلىك شەھەر رايونى پويىزى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سائىتىگە 160 كىلومېتىر سۈرئەت بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىدى...

بۈگۈنكى جۇڭگوغا نەزەر سالساق، ھەممىلا يەردە جانلىق ئىجادىيەت، ھەممىلا يەردە كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ئىلگىرىلەش نامايان بولماقتا. كەلگۈسى يېتىپ كەلدى، كۈرەش قىلغاندىلا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئورتاق يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.