ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىش دۆلىتىمىزدىكى ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك سەۋەبى.
دۆلىتىمىزدە ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن ئومۇمىي يۇقۇملىنىش نىسبىتى %50كە يېقىنلىشىدۇ، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاغرىقلارنىڭ %20~%15ىدە ھەزىم قىلىش خاراكتېرلىك يارا پەيدا بولىدۇ، %10~%5ىدە ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق كېلىپ چىقىدۇ، %1ىدە ئەڭ ئاخىرىدا ئاشقازان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىسى پەيدا بولىدۇ.
ئاشقازانغا ئەينىكىدە قەرەللىك تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك كىشىلەر توپى:
يېشى 40تىن ئاشقانلار؛
ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى مۇسبەت بولغانلار؛
ئاشقازان كېسىلى بارلار، يىگلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، ئاستا خاراكتېرلىك قان ئازلىق، ياكى ئىلگىرى ئاشقازان ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛
جەمەتىدە ئېنىق ئاشقازان راكى تارىخى بارلار؛
ئۇزاق مۇددەت ناچار تۇرمۇش ئادىتىدە بولغانلار، مەسىلەن، تاماكا چېكىدىغان، ھاراق ئىچىدىغان، ئىزچىل تۇزلانغان يېمەكلىك، يۇقىرى تۇزلۇق يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلغان كىشىلەر توپى؛
ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ئاشقازاننى ئاسراشتا، مۇنداق قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ:
1) ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش
يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، يېڭى گۆش، يېڭى كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش، تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، كاۋاپ، ئىسلانغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.
2) تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، تۈنىمەسلىك
3) قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈش
4) چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش
«جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى