تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلىدۇ

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقاتتى

پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى)نى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، 2024 - يىلى 4 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلىدۇ.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى بىر قىسىم پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىكى پارتىيە نىزامى، پارتىيە ئىنتىزامىغا كۆڭۈل قويماسلىق، چۈشەنمەسلىك، ئىگىلىمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى «نىزام»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام، قائىدىلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نېمىنى قىلسا بولىدىغانلىقىنى، نېمىنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ، قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنى قەلبكە پۈكۈپ، ئىچكى جەھەتتە سۆز - ھەرىكەت مىزانىغا ئايلاندۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىنتىزام ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆز - ئۆزىنى چەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئىرادە، ئىنتىزام ئىرادىسى، ئەخلاق ئىرادىسى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، باشتىن - ئاخىر سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈش، دائىم تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەينەن ئۆگىنىپ، شەخسلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشىنى مەركەزلىك ئۆگىنىش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىنى چىڭ كۆزلەپ مۇھاكىمە قىلىپ، «نىزام»نى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا دائىر تىپىك دېلو مىساللىرىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئەتراپتىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپتىكى كىشىلەرنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سەگەك بولىدىغان، تۆۋەن چەكنى بىلىدىغان، ئەيمىنىشنى بىلىدىغان قىلىش كېرەك. يېشىپ چۈشەندۈرۈش ۋە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، «نىزام»نى چۈشىنىش، تەتبىقلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. 2024 - يىللىق ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىدا «نىزام»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شەكىلۋازلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، «تۆۋەن دەرىجىلىك قىزىل»، «يۇقىرى دەرىجىلىك قارا»نى توسۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.