تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

@ ئۈرۈمچىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى بەرگۈچىلەر بىر پارچە تەنتەربىيە تۈرى بويىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىدىغان تەكرار ماتېرىيالى سىز ئۈچۈن ھازىرلاندى

  2024 - يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەنتەربىيە تۈرى بويىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى 4 - ئاينىڭ ئاخىرى ئېلىنىدۇ، نۆۋەتتە تولۇقسىز 3 - يىللىقتىكى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش باسقۇچىغا كىردى. 4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12 - ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خۇ چاڭچىڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش توغرىسىدا يېتەكچىلىك قىلدى.

   4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12 - ئوتتۇرا مەكتەپكە كەلگەندە، تولۇقسىز 3 - يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ۋاسكېتبول، ۋالىبول ۋە پۇت كۈچى مەشىقى قىلىۋاتقان بولۇپ، خۇ چاڭچىڭ بىرمۇ بىر يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى.

4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، خۇ چاڭچىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدىكى تەنتەربىيە تاللاش تۈرى بولغان ۋالىبولنىڭ ھەرىكەت مۇھىم نۇقتىلىرىنى چۈشەندۈرمەكتە. مۇخبىر ليۇ ۋېي فوتوسى

  خۇ چاڭچىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تولۇقسىز 1 -، 2 - يىللىقلارنىڭ تەنتەربىيە دەرسىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىدا تاللاپ ئېلىنىدىغان ۋاسكېتبول، پۇتبول، ۋالىبول تۈرلىرى ئومۇملاشتۇرۇلدى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى يېقىنلاشقاندا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ماھىر تۈرلەرنى تاللىسا بولىدۇ.

  «قىزلار 800 مېتىرغا يۈگۈرۈش ۋە ئوغۇللار 1000 مېتىرغا يۈگۈرۈشتىن ئىبارەت چوقۇم ئىمتىھان بېرىدىغان تۈرلەردە، بىز ئادەتتە تەنتەربىيە دەرسى ۋە قۇياش نۇرى تەنتەربىيەسىنىڭ بىر سائەتلىك پائالىيەت ۋاقتى ئارقىلىق مەشىق قىلىپ، پۈتۈن جەرياننى خاتىرىلەپ، تەنتەربىيە تۈرى بويىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىنىڭ كەيپىياتىنى ھەقىقىي تەقلىد قىلىمىز، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا يامان ئەمەس.» خۇ چاڭچىڭ شۇنداق دېدى: ئەڭ ئاخىرقى بۇ مەزگىلدە، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش تۈرىدە نىسبەتەن ئاجىز بولغان ئوقۇغۇچىلار ۋاقىت ھېسابلاپ يۈگۈرۈش، ئارىلىق بەلگىلەپ يۈگۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى سىجىللىقتىكى ئارىلاپ يۈگۈرۈش چىدامچانلىق مەشىقىنى نۇقتىلىق كۈچەيتسە بولىدۇ. ئۇزۇنغا يۈگۈرگەندە نەپەسلىنىش رىتىمى بىلەن يۈگۈرۈش رىتىمىنىڭ ماسلىشىشىغا دىققەت قىلىش، قەدەم ئېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، قەدەم رىتىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بەدەن ئىقتىدارىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش ھەمدە پىسخىكا جەھەتتە ئۆزىگە ئاكتىپ پىسخىكىلىق بېشارەت بېرىپ، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.

4 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12 - ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 3 - يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى پۇتىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش مەشىقى قىلىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىنىڭ تەنتەربىيە تاللاپ ئىمتىھان بېرىش بويىچە ئورۇندا تۇرۇپ يىراققا سەكرەپ تەييارلىق مەشىقى قىلماقتا. مۇخبىر ليۇ ۋېي فوتوسى

  تاللاپ ئىمتىھان بېرىدىغان توپ تۈرى تەنھەرىكىتى توغرىسىدا، خۇ چاڭچىڭ مۇنداق دېدى: ۋالىبول مەشىقى قىلغاندا توپنىڭ ئېگىزلىكىگە دىققەت قىلىش، ھەرىكەت قائىدىسى توغرا بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، قايتا - قايتا مەشىق قىلىپ، توپنىڭ خۇسۇسىيىتىنى پىششىق بىلىش كېرەك. ۋاسكېتبول ۋە پۇتبول تۈرىدە تۈۋرۈكنى ئايلىنىپ مەشىق قىلىشتا، قائىدىگە پىششىق بولۇش، مەشىق جەريانىدا ئامال بار كىچىك ئارىلىقتا يۆنىلىش ئۆزگەرتىش، توپ كونترول قىلىش دائىرىسىدىن ئايرىلماسلىق، ئەڭ ئاخىرقى تۈۋرۈكتىن ئۆتكەندىن كېيىن، «ئادەم بىلەن توپ تېز سۈرئەتتە كۈچەش» كېرەك. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا ئاز قالغاندا، مۇكەممەل لىنىيە بويىچە مەشىق قىلىشنى ئاساس قىلىپ، توپنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خاتالىق نىسبىتىنى ئازايتىش كېرەك.

  «بۇ يىللىق تەنتەربىيە تاللاپ ئىمتىھان ئېلىنىدىغان تۈر ئورۇندا تۇرۇپ يىراققا سەكرەش بولۇپ، بۇنىڭدا پۇت كۈچىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.» خۇ چاڭچىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە تولۇقسىز 3 - يىللىق گۇرۇپپىسى ھەر ھەپتىدە تۆت سائەت تەنتەربىيە دەرسى ئۆتۈش ئاساسىدا، ئوقۇغۇچىلارنى يېتەرلىك تەنتەربىيە مەيدانى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئوقۇغۇچىلار دەرس ئارىلىقىدىكى تەنەپپۇستا توساقتىن سەكرەش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇت كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى پۈتۈن جەريانغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  ئاخىرىدا، خۇ چاڭچىڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە تەنتەربىيە تۈرى بويىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا يېمەك - ئىچمەكنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، ۋىتامىن، قەنت تۈرىدىكىلەرنى تولۇقلاپ، يېمەك - ئىچمەكنىڭ مايسىز بولۇشىغا دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتى. ئىمتىھانغا قاتناشقاندا ئەپچىل، قولايلىق بولغان ئىمتىھان كىيىملىرىنى تەييارلاش، ئىمتىھان جابدۇقلىرىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈش كېرەك، ئىمتىھان ئالدىدا يېڭى ئاياغ ئالماشتۇرۇش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، ئىمتىھاندىن بۇرۇن چوقۇم ئاياغ بوغقۇچىنىڭ ياخشى چىگىلگەنلىكىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. (مۇخبىر ليۇ ۋېي)

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.