تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا ھەممە يەر «پەن - تېخنىكا تۈسى»گە تولدى

   ھازىر، شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋاقتى، يەر تېرىشنى بىلىشتىن يەرنى ئىلمىي تېرىشقىچە، پەن- تېخنىكىنىڭ كۈچى بۇ تۇپراققا چوڭقۇر سىڭىشىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە ئەنئەنىۋى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا يېڭى تۈس بېغىشلىدى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىدىن سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن سېزىشكىچە، رەقەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشتىن نەرسە تورى ئارقىلىق كۆزىتىپ- ئۆلچەشكىچە، رەقەملىك تېخنىكا دېھقانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرىقچىلىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى ...

كېۋەز تېرىش

______________________________________________________________________________________________

   3-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1ـ شى ئارال شەھىرى 10-تۇەنىنىڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلاردا بېيدوۋ يول باشلاش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن كېۋەز تېرىماقتا. سۈن گوچۈەن فوتوسى

لازا مايسىسى كۆچۈرۈپ تىكىش

______________________________________________________________________________________________

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى 8-تۇەن 5-ليەنىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان ماشىنىنى ھەيدەپ لازا مايسىسى كۆچۈرۈپ تىكمەكتە. (3-ئاينىڭ 27-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان) بۇ يىل بۇ شى 136 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە لازا تېرىدى، شۇ جاينىڭ لازىسى خۇش پۇراق، رەڭگى توق بولۇپ، شاڭخەي، چۇڭچىڭ، سىچۇەن، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردا بازار تاپتى. سۈن گوچۈەن فوتوسى

شىخو: پارنىكتا مايسا يېتىشتۈرۈشتە «پەن-تېخنىكا تۈسى» نامايان بولدى

______________________________________________________________________________________________

   يېقىندا، شىخو شەھىرىنىڭ باشىسىخۇ يېزىسى باخەي كەنتىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا، مايسا يېتىشتۈرۈش تاختىسىدىكى چەيزە، شوخلا، چىڭسەي، ئوسۇڭ قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ مايسىلىرى ياپيېشىل، بولۇق ئۆستى. باشىسىخۇ يېزىسىدا ھازىر تۈرلۈك مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىدىن 266سى بار بولۇپ، يىللىق مايسا يېتىشتۈرۈش مىقدارى 150 مىليون تۈپكە يېتىدۇ. بۇ يىل، بۇ يېزا قوغۇن-تاۋۇز، كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈشنى كەسپىيلەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش سىستېمىسىنى كېڭەيتىپ قوللىنىشنى زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋە يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە مەبلەغ سېلىشتا «زور كۈچ سەرپ قىلىپ»، پارنىكتىن پايدىلىنىش ئۈنۈم ئىقتىدارى ۋە ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار: جيا رۇڭشيا، شەن يۈشيا)

باخەي كەنتىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىدا، يېڭىدىن ئورنىتىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش سىستېمىسى ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇپ، بەزىدە ئىسسىتىپ تېمپېراتۇرىنى تولۇقلىسا، بەزىدە ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، كۆكتات مايسىلىرىنى ئەڭ مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا، نەملىك ۋە ھاۋا ئالماشتۇرۇش شارائىتى ۋە ئۆسۈش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئاقسۇ شەھىرىدە كېۋەز تېرىش ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، ھەر قايسى ھالقىلارنىڭ ھەممىسىدە ماشىنىلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

______________________________________________________________________________________________

   3-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى ليۇيۈەن بازىرى شياڭخې كەنتىدىكى كېۋەزلىكتە ماشىنىلارنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ، 2024-يىلى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ كېۋەز تېرىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى. ليۇيۈەن بازىرى ئاقسۇ شەھىرىدىكى كېۋەز تېرىلىدىغان ئاساسلىق رايون، بۇ بازار بۇ يىل كېۋەز تېرىشنى پىلانلىغان ئومۇمىي كۆلەم 675 مىڭ مو بولۇپ، پۈتۈنلەي ماشىنا ئارقىلىق يىغىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاقسۇ شەھىرىنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ پىلانى كۆلىمى 1 مىليون 56 مىڭ 800 مو بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇزۇن تالالىق كېۋەز تېرىلغۇ پىلانى ئومۇمىي كۆلىمى 51 مىڭ 100 مو، قۇرۇقلۇق كېۋىزى تېرىلغۇ پىلانى ئومۇمىي كۆلىمى 1 مىليون 5 مىڭ 700 مو ئىكەن. يەر تېرىش، ئۇرۇق سېلىش، پەرۋىش قىلىش قاتارلىق ھالقىلارنىڭ ھەممىسىدە ماشىنىلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن، نۆۋەتتە، شەھەر بويىچە 717 دېھقانچىلىق ماشىنا-سايمىنى ئىشقا سېلىنىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان، مۆلچەرلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتى پۈتۈنلەي تاماملىنىدىكەن. (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى، خەۋىرى)

تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بۇغدايلىقنىڭ ئەتىيازلىق پەرۋىشىدىكى يېڭى «باش رولچىسى» بولۇپ قالدى

______________________________________________________________________________________________

مەشغۇلات خادىملىرى دېھقانچىلىق دورىسى قاچىلانغان تىزگىنەكلىك ئۇچقۇنى مۇقىم ئۇچۇرۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارماقتا.

   3-ئاينىڭ ئاخىرلىرى، بۇغداي پەرۋىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىل، يېڭىسار ناھىيەسى ساغان بازىرى ئاچال كەنتىدىكى ئېتىزلاردا، پىرقىرىغۇچ ئاۋازىغا ئەگىشىپ، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا بۇغدايلىقنى سىيپاپ ئۆتۈپ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى تەكشى چاچتى. ئەنئەنىۋى سۈنئىي مەشغۇلات ئۇسۇلىغا سېلىشتۇرغاندا، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ كۆلەملەشكەن مەشغۇلات قىلىش، تەكشى پۈركۈش، تۇمانلاشتۇرۇش ئۈنۈمى ياخشى بولۇش، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ۋە يەر شەكلىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىقتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولۇپ، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بۇغدايلىقنىڭ ئەتىيازلىق پەرۋىشىدىكى يېڭى «باش رولچىسى»غا ئايلاندى. (ئىختىيارىي مۇخبىر نازاكەت قاۋۇلجان)

باي ناھىيەسىدە ئېتىز-ئېرىقلارغا سولياۋ يوپۇق يېپىش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى

______________________________________________________________________________________________

يوپۇق يېپىش ماشىنىسىنىڭ ئاستا-ئاستا ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبېغى يېيىتىش، يوپۇق يېپىش قاتارلىق ئىش تەرتىپلىرى تېز ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى.

   3-ئاينىڭ 26-كۈنى، باي ناھىيەسى سايرام بازىرى شورمەھەللە كەنتىدىكى ئېتىزلاردا بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان سولياۋ يوپۇق يېپىش ماشىنىسى ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ، تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبېغى ۋە سولياۋ يوپۇقنى تەرتىپلىك يېيىتىۋاتاتتى. ھاۋانىڭ بارا-بارا ئىللىشىغا ئەگىشىپ، باي ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى يېزا، بازارلاردىكى دېھقانلار تۇپراقنىڭ نەملىكى ياخشى بولۇشتەك پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، لازا، شوخلا، قىزىلچا قاتارلىق ئالاھىدە زىرائەتلەرگە سولياۋ يوپۇق يېپىش خىزمىتىنى جىددىي، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، مايسىلارنى كۆچۈرۈپ تىكىشكە ياخشى ئاساس سالدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئابدۇئەزىز، ۋېي بەينىڭ، ئېرشات)

مارالبېشى: كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەتىيازلىق تېرىقچىلىقنىڭ ياخشى «خىزمەتكارى» بولدى

______________________________________________________________________________________________

ھازىر دەل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسى سېرىقبۇيا بازىرى قۇرامتوغراق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ كۆزلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى بويىچە ياردەم بېرىش-يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى «كاپالەتكە ئىگە قىلدى». 3-ئاينىڭ 29-كۈنى، بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ئەتىيازلىق كېۋەز تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، ئېتىز باشلىرىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر بايىنبات دالا فوتوسى ۋە خەۋىرى)

كەنت كادىرى كېۋەز تېرىش ماشىنىسىنىڭ ئوقۇرىغا ئۇرۇق تۆكمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.